باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى يېڭى چىقىش پەللىسى قىلىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى

2015.09.28 09:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26- سېنتەبىر ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئورتاق ئەبەدىي تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمراھلاردىن بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى ۋە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 2015- يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى يېڭى چىقىش پەللىسى قىلىپ، ئادىل، ئوچۇق، ئومۇميۈزلۈك، ئىجادچان تەرەققىيات يولىنى تەڭ يارىتىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو 2015- يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، دۇنيا تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نيۇيوركتا جەم بولۇپ، تەرەققىيات بۈيۈك پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەرەققىياتقا ھاياتلىق ۋە ئۈمىد يۈكلەنگەن، ئۇ قەدىر- قىممەت ۋە ھوقۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋردىكى ئىككى چوڭ تېما، دۇنياۋى خاراكتېرلىك خىرىسلارنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى تىنچلىقنى كۆزلەش، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان 2015- يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى سۈرەتلەپ بېرىپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز باراۋەر راۋاجلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئورتاق نىشان ئاستىدا، دۆلەتلەر ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتلەرگە قائىدە تۈزۈشكە باراۋەر قاتنىشىدىغان ھوقۇق بېرىش كېرەك. بىز ئېچىۋېتىلگەن، ئوچۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ تەرەپنى بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. دۆلەتلەر كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىز ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەرەققىيات ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداپ، ئادەم بىلەن جەمئىيەت، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق چىقىشىپ ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بىز يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. دۆلەتلەر ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زورايتىپ، يېڭى يادرولۇق رىقابەت كۈچى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 2015- يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىكە ياردەم بېرىشى كېرەك. خەلقئارا تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، خەلقئارا تىنچلىقنى ئورتاق قوغداپ، تىنچلىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق تىنچلىقنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، كۆپ تەرەپلىمە تەرەققىيات ئاپپاراتلىرى تەرەققىيات بايلىقىنى كۆپەيتىشى كېرەك. ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سەرخىللاشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەنۇب بىلەن شىمال ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي يول ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇب بىلەن جەنۇب ھەمكارلىقى، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون تەشكىلاتلىرى بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، رايون ئىچى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى ئۆز ئارا تولۇقلىشى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو جۇڭگوچە تەرەققىيات يولىنى يارىتىپ، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسەن يەتتى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار نوپۇستىن 439 مىليوننى ئازلىتىپ، مائارىپ، سەھىيە، ئاياللار قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، 166 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتقا 400 مىليارد يۈەن ياردەم بەردى ھەم 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ياردەمگە ئەۋەتتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو ھوقۇق- مەنپەئىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مەجبۇرىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە 2015- يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو «جەنۇب بىلەن جەنۇبنىڭ ھەمكارلىقى ياردەم بېرىش فوندى»نى تەسىس قىلىپ، ئالدىنقى قاراردا 2 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ 2015- يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ ئەمەلىيىلىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق زورايتىپ، 2030- يىلى ياردەم مەبلىغىنى 12 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. جۇڭگو ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، كىچىك ئاراللاردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ 2015- يىلىنىڭ ئاخىرى مۇددىتى توشۇپ تېخى قايتۇرۇلمىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا ئۆسۈمسىز قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. جۇڭگو خەلقئارالىق تەرەققىيات ئىلىم مەركىزىنى تەسىس قىلىپ، دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات نەزەرىيەسى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە پىكىرلىشىدۇ. جۇڭگو دۇنيا ئېنېرگىيە ئالاقە تورىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پاكىز ۋە يېشىل ئۇسۇل بىلەن دۇنيانىڭ ئېلېكتىر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە چاقىرىق قىلىدۇ. جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا سېلىنما بانكىسى ۋە «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ تىجارەت باشلاپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو شۇنداق ۋەدە بېرىدۇكى، 2015- يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلىجىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى جاكارلىغاندا، پۈتۈن مەيداندا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر