24-سېنتەبىر ــ مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيت. بۇ كۈنى، شىنجاڭ توقسۇن ناھىيە توقسۇن بازار قاشتېشى مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى ۋە دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. پائالىيەت مەيدانىدا، ھېيت-بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشكەن ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆيلىرىدىن ئۆزلىرى تەييارلىغان نازۇ-نېمەتلەرنى ئېلىپ چىقىپ، كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرلەندى، مۇزىكا قويۇلۇشى بىلەن، كۆپچىلىك قوللىرىغا كۆتۈرۈۋالغان قىزىل بايراقلارنى لەپىلدەتكىنىچە، شوخ مەشرەپكە چۈشۈپ كەتتى.