باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>يۈ جېڭشېڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى

يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە كەلدى

جاڭ چۈنشيەن ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئايروپورتقا چىقىپ قىزغىن قارشى ئالدى

2015.09.28 09:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئايروپورتتا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى ئېلىپ 25 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە كەلدى، ئۇلار ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئايروپورتقا چىقىپ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  9 - ئايدىكى شىنجاڭ زېمىنىدا، كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، مېۋە - چىۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى يېڭى قىياپەتكە كىرگەن بولۇپ، ھەممە يەرگە گۈللەر قويۇلۇپ، رەڭدار بايراقلار ئېسىلىپ، خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىنىڭ يېنىدىكى ئىمارەتكە ئېسىلغان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتا «مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل لوزۇنكىلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ھەيۋەتلىك ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركىستېرى، چىرايلىق مىللىيچە كىيىنگەن بالىلار، ياشلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ھەر ساھە ئامما بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن قارشى ئېلىش قوشۇنى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ۋە گۈلدەستە، رەڭدار لېنتىلارنى پۇلاڭلىتىپ، داپ - ناغرا چېلىپ، شادىيانە مېھمان كۈتۈش ئۇسسۇلىنى ئويناپ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى.

  بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. ئايروپىلاننىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن يۈ جېڭشېڭ ئايروپىلاندىن چىقىپ، قارشى ئېلىشقا كەلگەن ئاممىغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شۇ ھامان داقا - دۇمباق چېلىنىپ، قارشى ئېلىش ناخشىلىرى ھەممە جايدا ياڭراپ، ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى شاد - خۇرام كەيپىياتقا چۆمدى. «ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قارشى ئالىمىز! پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!» دېگەن سادالار شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى.

  يۈ جېڭشېڭ ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش ئارقا سەپ تەمىنات بۇسىنىڭ باشلىقى جاۋ كېشى قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسىدىن بىللە چۈشتى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ شۇ ئايروپىلاندا بىللە كەلدى. ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان شوخ ۋە ئۇماق پىيونېرلار يۈگۈرۈپ ئالدىغا چىقىپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىغا گۈل تەقدىم قىلدى. يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى ئايروپورتتا كۈتۈۋالغىلى چىققان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۇ ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندىكى ھېسسىياتىنى ھەر قانچە سۆزلەپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۈگۈن ئۈرۈمچى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى، ئاساسلىق يوللار رەڭدار يوللارغا ئايلاندى. «يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 06 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز»، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە - شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىگە، مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار ھەممە جايدا كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئەڭ سەمىمىي ھېسسىياتى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى، شادىيانە ئۇسسۇللار ئارقىلىق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەشكە بولغان خۇشال ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى، خۇشال مەدھىيەلىرى بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرگە بولغان پەخىرلىك ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر