باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر شىخەنزە، سانجىدا ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە كادىرلار ، ئاممىدىن ھال سورىدى

2015.09.29 09:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى 27-سېنتەبىر مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3-تارماق ئۆمىكىنى باشلاپ شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كادىرلار، ئامما ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  3-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا كەلدى. ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بىڭتۈەننىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئەركىن ئىمىرباقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۈەن شىنجاڭنى قۇرۇش مۇساپىسىدە شانلىق «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كۈيى» نى داۋاملىق ياڭرىتىشى كېرەك.

  ئارقىدىن 3-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ ھال سورىدى. ئەركىن ئىمىرباقى 3-تارماق ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، خەلق ساقچىسى، دېھقانلار، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلدى.

  ئەركىن ئىمىرباقى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننىڭ مۇھىم تۈگۈنى، شىنجاڭدا ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق رايون، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مەركىزىي رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مەركەزنىڭ ئىككى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۈش» ئۈچۈن، يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مەبلىغى قەرزگە يەتمەيدىغان، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان كىچىك زاۋۇتتىن 20 نەچچە يىل توختىماي ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە جابدۇقچىلىق-ياسىمىچىلىق كارخانىسى، دۇنيا توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق كارخانىغا ئايلاندى. ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىگە كېلىپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، غانىبات سابۇكەي، ليۇ شىنچىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتىدە ھەمراھ بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر