باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شى شياۋمىڭ پارتىيەدىن قوغلاندى

2015.09.29 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى شى شياۋمىڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبىرى كادىرى بولغان شى شياۋمىڭ پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىجرا قىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇ غايەت، ئېتىقادىنى يوقاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يەنىلا ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان. «جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قاراپ چىقىش ھەم جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق، شى شياۋمىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئۇنىڭغا مەمۇرىي ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىش؛ ئىنتىزامغا خىلاپ پۇللارنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇش؛ ئۇنىڭ جىنايەتىە چېتىشلىق مەسىلىسى ھەم جىنايەتكە چېتىشلىق پۇل ۋە مۈلۈكلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش قارار قىلىندى.

  باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شى شياۋمىڭنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم مەجبۇرىي تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغان. دېلونى تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلەنمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر