باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 4-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ھال سورىدى

2015.09.29 09:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چىڭلى باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 4-تارماق ئۆمىكى 27-سېنتەبىر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى ئوتبۇلاق كەنتىدە كەنت ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە مەيدانى، «قوش تىل» يەسلىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇن ئېزىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلىدى ۋە ھال سورىدى، ئارقىدىن تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى دەم ئېلىشقا چىققان «مېھرىبان ئانا» مەريەم تۇردىۋانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ھال سورىدى.

  تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىدا، چۆچەك شەھىرى ئىشانسەيد مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى قۇناپىيە قابىدۇللا: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېھتىياجىنى قوغداشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، تۈرلۈك دىنلارنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، ھېچقانداق توسقۇنلۇق ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانلىقى ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلدى، دېدى. قۇناپىيە قابىدۇللا خەنزۇچىنى ئانچە راۋان سۆزلىيەلمىسىمۇ، ئۇنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلىرىنى يىغىن مەيدانىدىكىلەر قىزغىن ئالقىشلىدى.

  جاڭ چىڭلى كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت، مەدەنىيەت قوشۇلغان جاي، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مىللەتلەر، دىن خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، پىكىرلىشىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىنداشلاردەك ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئابىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشتى، ئەركىنجان تۇراخۇن تارباغاتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر