باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىش، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2015.09.28 09:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24 - سېنتەبىر كەچتە ۋاشىنگتوندىكى «بىلايىر» مېھمانسارىيىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەت. جۇڭگو ئىشىكنى مەڭگۈ ئېچىۋېتىدۇ، چەت ئەل كارخانىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى راۋاجلاندۇرسا، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئەركىن، ئاشكارا مۇھىتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، تارىخنى، ھازىرنى ۋە كەلگۈسىنى كۆزىتىپ چىقارغان يەكۈنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى، بىخەتەرلىكىمىزنى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئىشتىراكچىسى، قۇرغۇچىسى، تۆھپىكارى، شۇنداقلا مەنپەئەتلەنگۈچىسى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارا سىستېمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىشنى باشتىن باشلاش كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ ئادىل، ئەقىلگە مۇۋاپىق يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش تەشەببۇسى ئوچۇق - ئاشكارا، تولىمۇ ئەتراپلىق بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىغا، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە، نامراتلىقنى ئازايتىشىغا پايدىلىق، بىز ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پائال قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

  ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تىنچ باش كۆتۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. مۇقىم، گۈللەنگەن جۇڭگو ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ ئۇيغۇن. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلاشتى، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئېبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئورتاق ياردەم بەردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىشقا يۈزلەنمەكتە، جۇڭگو قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ دۇنيادا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يۇقىرى قاتلاملىق ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەن ئىلگىرى تىنچ ئوكيان ئىنتايىن كەڭ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتىنى سىغدۇرالايدۇ، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدىم. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توقۇنۇشماي، قارشىلاشماي، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئەڭ ئاۋۋال ئويلىشىدىغان تەرىپى. بىز ئانېنبېرگ قورۇقىدا سۆھبەتلەشكەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىم، پائال ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش بېتىمى سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ئۆز ئارا سېلىنما سوممىسى بۇلتۇر يەنە يېڭى يۇقىرى پەللە ياراتتى. ئىككى تەرەپ ئىككى ئارمىيە ئىككى ئۆز ئارا ئىشىنىش مېخانىزمى قۇرۇپ، ۋىزىدا ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرمىسى ھاسىل قىلدۇق، كىلىمات ئۆزگىرىشى قوشما باياناتى ئېلان قىلدۇق، غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا ۋىرۇسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇردۇق، ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. بۇ نەتىجىلەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ نەتىجىدىن ئىككى دۆلەت ئاممىسى ئورتاق رازى بولدى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئاز - تولا ئىختىلاپ مەۋجۇت، لېكىن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئىختىلاپتىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىي ئېقىم ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتىن ئىبارەت نىشانى ئىنتايىن توغرا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. ئىككى تەرەپ مۇشۇ يۆنىلىشنى بويلاپ قەدەممۇقەدەم پۇختا ئىلگىرىلىشى كېرەك. كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ساقلىشى ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  ئوباما مۇنداق دېدى: مەن ئەنئەنىۋى چوڭ دۆلەت بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن چوڭ دۆلەت چوقۇم توقۇنۇشىدۇ، دەيدىغان «تۇسىدايدىس قىلتىقى»غا ئىشەنمەيمەن. چوڭ دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو توقۇنۇشتىن چوقۇم ساقلىنىشى كېرەك. مەن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىختىلاپنى ياخشى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئامېرىكا - جۇڭگو ئارىسىدىكى رىقابەت ئىجابىي ھەم ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 25 - سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25 - سېنتەبىر ئاقساراينىڭ جەنۇبىدىكى چىملىقتا تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلغاندا تەكىتلەپ: ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىردىنبىر توغرا تاللاش، بىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى سەھىپىنى بىرلىكتە يازىدىغانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشىنىمەن، دېدى.

  سائەت 9دا، شى جىنپىڭ ئوبامانىڭ ھەمراھلىقىدا قارشى ئېلىش رايونىغا كىرىپ، قىزىل پاياندازدا مېڭىپ كۆرەك مۇنبىرىگە كەلدى. ئوركستېر جۇڭگو ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ ئوبامانىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ئۇنىڭدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن ئوباما ئايرىم - ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ زور بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلالايدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىمدە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن. يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، ھۆرمەت، ھەمكارلىقنى باشتىن - ئاخىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم لىنىيەنى بويلاپ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت ۋە غەمخورلۇقنى ھۆرمەتلەپ، ئۆز ئارا پەرق ۋە ئىختىلاپقا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە ھەمكارلىشىش ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق ئىدىيەسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ھەمكارلىق نەتىجىسى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا ئالاقىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا باردى - كەلدى قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلىشىمىز كېرەك. دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ مۇھىم شاھىتى. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى، ئامېرىكا مۇقىم، گۈللەنگەن، تىنچ جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. بۇ دۇنيا سودىسى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ، دۇنيانى گۈللەندۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر