باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىغا بېغىشلانغان نۇقتىلىق كىنولارنى قويۇش پائالىيىتى باشلاندى

18نادىر كىنو قويۇلۇش ئالدىدا

2015.09.28 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت ئاخبارات-نەشىريات، رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى كىنو سۈنئىي ھەمراھ قانىلى نومۇرلىرىنى ئىشلەش مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات -نەشىريات، رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ « ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىغا بېغىنشلانغان نۇقتىلىق كىنولار كۆرىكى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئىشلەنگەن 18نادىر فىلىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو قانىلى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو-تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلىدۇ.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو قانىلىدا 8-سېنتەبىردىن 3-ئۆكتەبىرگىچە ھەركۈنى سائەت 11:15مىنۇت ئۆتكەندە ئايرىم ھالدا «بايرىقىم»، «ئەزىم دەريا»، «چىن سۆيگۈ»، «بۇ دېگەن شىنجاڭ»، «گۈلبېكە»، «ئۆرۈك ئىشىكنى چەككەندە» قاتارلىق فىلىملەر قويۇلىدۇ، 10-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سائەت 20:15مىنۇت ئۆتكەندە «ئارزۇ باشلانغان جاي» ناملىق فىلىم قويۇلىدۇ.

  شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو-تېلېۋىزىيە قانىلىدا 20-سېنتەبىردىن 5-ئۆكتەبىرگىچە ھەر كۈنى 20:30مىنۇت ئۆتكەندە «چىن قەلب»، «جۇدۇنلۇق يول»، «مەمەتنىڭ 2008-يىلى»، «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى»، «ناخشا ئېيتالايدىغان بەرەڭگە»، «گۈزەل ماكان»، «ئات ئۈستىدىكى كىنو قويۇش ئەترىتى»، «قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى»، «ئەزىم دەريا»، «گۈلبېكە»، «چىن سۆيگۈ»، «بايرىقىم»، «ئۆرۈك ئىشىكنى چەككەندە»، «ئىلى دەرياسى»، «سەن قۇياش، مەن ئاي»، «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» قاتارلىق فىلىملەر قويۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر