باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنى مەجبۇرىي ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئەيىبلەندى

2015.09.24 17:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىدىن بولغان بارلىق پارلامېنت ئەزاسى 19-سېنتەبىر سەھەردە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەرنى كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، مەجبۇرىي ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يۈرۈشلۈك خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇ خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇن بولغانلىقىنى، ياپونىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كاپالىتى سىياسىتىدە مۇھىم ئۆزگۈرۈش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامما بەس-بەستە يىغىلىش، نامايىش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى مەجبۇرىي ماقۇللاشقا قەتئىي قارشى تۇردى. ياپونىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلار يېقىندا قانات يايدۇرغان جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېرىمدىن ئارتۇق ياپونىيە ئاممىسى خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ياپونىيە جامائەتچىلىقى ئابېنىڭ ئەلل رايىغا پەرۋا قىلماي، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنى مەجبۇرىي ماقۇللىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەنقىدلىدى. «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ 19-سېنتەبىردىكى باش ماقالىسىدە ياپونىيەنىڭ داڭلىق ئاساسىي قانۇن ئالىمى، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى خىگۇچى يوئىچىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: يۈرۈشلۈك خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسى ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنى كىرىزىسكە يۈزلەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ياپونىيە جەمئىيىتىنى خەۋپ-خەتەرگە ئېلىپ كىرىدۇ. كۈندىلىك خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق مۇخبىرى مۇراتا نوبۇخىكو گېزىتمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت بۇ خىل ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان سۆزنى باھانا قىلىپ، «ئۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نى مەجبۇرىي ماقۇللاشقا ئۇرۇنۇش ئۇسۇلى ياپونىيە مىللىتارىزمى روھىنى قايتا باش كۆتۈرگۈزۈش ھېسابلىنىدۇ، دېدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر