باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياڭ جېنۋۇ: ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، گۇماننى تۈگىتىپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك، دېدى

2015.09.22 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق گېزىتى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى» تېمىسىدىكى «2015-يىللىق <بىر بەلۋاغ، بىر يول> قۇرۇلۇشى تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرى» 21-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ تەبرىك سۆزىدە: «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كەڭ ئىستىقبالى ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى نامايان قىلىندى ھەم چوقۇم يەنىمۇ تولۇق نامايان قىلىنىدۇ، تاراتقۇلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، گۇماننى تۈگىتىپ، تەڭ ئېتىراپ قىلىپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك، دېدى.

  ياڭ جېنۋۇ مۇنداق دېدى: ئىككى يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى» ۋە «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ماسلاشتۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيا ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئېقىمغا مايىللىشىپ، 60 نەچچە ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ پائال ماسلىشىشى ۋە قىزغىن قاتنىشىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يىپەك يولى فوندى قۇرۇشتىن ئاسىيا سېلىنما بانكىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغىچە، «بىر بەلۋاغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىستىقبال ۋە ھەرىكەت ھۆججىتى ئېلان قىلىنغاندىن ئۇل ئەسلىھەلەرنى بىر-بىرىگە باغلاش تۈرلىرىنىڭ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلگىنىگىچە، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەمەلىي ھەمكارلىق باسقۇچىغا قەدەم قويدى، بىر قاتار مۇھىم تۈرلەر تاماملاندى، ئۇلۇغ پىلان تەدىجىي رىئاللىققا ئايلاندى، «بىر يول، بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ كەڭ ئىستىقبالى ئۇرغۇپ تۇرغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى نامايان قىلىندى ھەم چوقۇم يەنىمۇ نامايان قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر