باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

2015.09.24 19:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: )شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇبارەك ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ( ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 23-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىغا كېلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىڭۋېي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ كېشى ئېكىسكۇرسىيەدە بىللە بولدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن ئېكىسكۇرسىيەدە ھەمراھ بولدى.

  شانلىق 60 يىلدا، شىنجاڭنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى «ۋەتەن قوينىدا» بولۇپ، «مۇساپە . تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭ»،«مۇۋەپپەقىيەتلەر . جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ»، «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش . بەختىيار شىنجاڭ»، «تۆھپىكارلار . ئىناق شىنجاڭ»، «نەزەر . ئۈمىدكە تولغان شىنجاڭ» قاتارلىق بۆلەكلەرگە ئايرىلغان. كۆرگەزمە 700 نەچچە پارچە سۈرەت، 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم، 40 پارچىدىن ئارتۇق جەۋدىۋەل-ئىسخىما، شۇنىڭدەك تەسىرلىك، يېڭىچە مېدىئا ۋاسىتىسى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان.

  بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدە، شوخ شىنجاڭ نەغمىلىرى چېلىنىپ، شادىيانە مەشرەپ باشلىنىپ، شاد-خوراملىق، ئاسايىشلىق كەيپىيات ئەۋجىگە چىقتى. يۈ جېڭشىڭ ھەر بىر بۆلەكلەرنى قالدۇرماي كۆرۈپ، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ھەر بىر پارچە سۈرەت-رەسىم، ھەر بىر پارچە جەدىۋەل-ئىسخىما، ھەر بىر بويۇم ئالدىدا توختاپ كۆرۈپ، ئەھۋالارنى سۈرۈشتۈرۈپ ماڭدى.

  «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز» دېگەن كەشتىلىك رامكىنىڭ ئالدىدا چۈشەندۈرگۈچىدىن بۇ كەشتىنى شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۇچقارا 2 - كەنتىدىكى 80 - يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئەپچىل قوللىرى بىلەن نەپس كەشتىلەپ چىققانلىقىدەك ھېكايىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى. بۇ ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلانغانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۇ رامكىلىق كەشتىنى كەشتىلەپ چىقىپ، شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئىگىلىدى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى ۋە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش باھار شامىلى تەڭرىتاغنى ئىللىتتى» تېمىسىدىكى سىنلىق قىسقا فىلىمنى كۆرگەندە، يۈ جېڭشىڭ كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا قۇدىرەتلىك ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى، ئاپتونوم رايونى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ۋە مەدھىيەسىگە ئېرىشتى.

  «رەقەملىك شىنجاڭ» قىسمىدا، LED ئېكرانى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ۋە زور ئۆزگىرىشلىرى كۆرسۈتۈلدى. GDP نىڭ يىلمۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ «ئۇدا سەككىز يىل» ئاشقانلىقى، «قوش تىل» مائارىپىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلانغانلىقى، پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق ئۆي، داۋالىنىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزۈكسىز ئۆسكەنلىكىگە ئائىت مەزمۇنلار رەقەملىك ئېكراندا شەرھىيلەنگەندە، يۈ جېڭشىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ مۇئەييەنلەشتۈردى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى مېدىئا ئارقىلىق نامايان بولغاندا، يۈ جېڭشىڭ ئىنتايىن خوشال بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئارزۇسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق-كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئېكىسكۇرسىيەدە بىللە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر