باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىقلار ھەر جايدا

شاڭخەي ساھىلىدىكى «يەر شارى»

2015.09.25 17:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يەر شارى» ئاشخانىسىنىڭ خادىملىرى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا چۈشكەن سۈرەت

  رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى چاقنىغان كېچىدە، شاڭخەيدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانچە تائاملار ئاشخانىسى − «يەر شارى» شىنجاڭ ئاشخانىسىدا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بۇ يەردە ئەسلىي تەمنى ساقلاپ قالغان شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىدىن باشقا يەنە «شاڭخەيچە تەملىك» شىنجاڭ تائاملىرى بولۇپ، خېرىدارلار شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىغا مۇڭ بولغاچ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەتتى. ئېسىل نازۇ نېمەت، ناخشا - ئۇسسۇل خېرىدارلارنىڭ تەم سەزگۈسى ۋە كۆڭۈل ئىشتىھاسىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى، «يەرشارى » ئاشخانىسى شاڭخەينىڭ كېچە مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشقانىدى.

  يەر شارى دېگەن بۇ سۆزگە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان. بۇ ئاشخانىنى 13 يىل ئىلگىرى بىر نەچچە شىنجاڭلىقلار ئاچقان بولۇپ، ھازىر شاڭخەيدە توققۇز تارماق ئاشخانىسى بار، 17 مىللەتتىن بولغان 800 نەچچە خادىم ئىشلەيدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن كەلگەن خادىملار 300 دىن ئاشىدۇ. بۇ كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدە ئۇلار مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلىمەكتە، ئۇلارنىڭ تەقدىرى يەرشارى ئاشخانىسىنىڭ سەھنىسىدە كۈي - نەغمىلەرنى ياڭراتماقتا.

  ساۋۇرجان خېرىدارلارغا «شىنجاڭچە تەم»نى بىلدۈردى

  بىر نەچچە كۈن ياغقان يامغۇر ئاخىر توختىدى، شاڭخەي ساپ ھاۋالىق سەھەرنى كۈتۈۋالدى، خوتەندە چوڭ بولغان ساۋۇرجان شاڭخەينىڭ نەم ھاۋاسى ۋە ئىسسىقىغا ئاللىبۇرۇنلا كۆنۈپ كەتكەنىدى.

  شاڭخەي شەھىرىنىڭ جاۋجياباڭ يولى. سەھەر سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ساۋۇرجان ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئېلىپ، رەتلىك كىيىنىپ، روھلۇق ھالدا ئىشقا ماڭدى. ياتاق بىلەن ئاشخانىنىڭ ئارىلىقى پىيادە ئون مىنۇتلۇق يول بولۇپ، ئۇ ماڭغاچ يول بويىدىكى تونۇش دۇكان خوجايىنلىرى بىلەن سالاملىشىپ قوياتتى.

  ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا ساۋۇرجان ئاشپەزلىك كىيىمى ۋە دوپپىسىنى كىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك ئالدىراش ئىشىمۇ باشلىنىدۇ. سان گۆشنىڭ كارانتىن قىلىنغان بەلگىسى، پەمىدۇر قىيامى، مۇچ قىيامى قاتارلىق خۇرۇجلارنىڭ لاياقەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاش... ساۋۇرجاننىڭ ئادىتىگە ئايلانغانىدى، ئۇ يەنە ھەر كۈنى 300 نەچچە تەخسە لەڭمەن ۋە پولۇ چىقارغاندىن باشقا، يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقىنى نازارەت قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  − شاڭخەيلىك بولۇپ قالدىم دېسەممۇ بولىدۇ، بۇ يەردە 14 يىل ئىشلىدىم،− دېدى ساۋۇرجان.

  ساۋۇرجان يەر شارى ئاشخانىسىدىكى «پېشقەدەم» خىزمەتچىلەردىن بولۇپ، 2001-يىلى شاڭخەيگە كېلىشتىن ئىلگىرى، ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ، ئاتا-ئانىسىنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈش ئىدى.

  − ئۆمۈر بويى يېزىدا تۇرۇپ يەر تېرىشنى خالىمايمەن، شۇڭا كۈنبويى بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، دادام بەرگەن پارچە پۇللارنى خەجلەشكە كۆزۈم قىيماي يىغىپ قوياتتىم،− دېدى ئۇ. يېرىم يىلدىن كېيىن، ساۋۇرجان يىغقان پۇلنى ساناپ بېقىۋېدى، 270 يۈەن چىقتى. بۇ 1995-يىلى بولۇپ، خوتەننىڭ يېزىلىرىدا چوڭ بولغان ساۋۇرجانغا نىسبەتەن 270 يۈەن كۆپ پۇل ئىدى، ئۇ بۇ پۇللارنى ئېلىپ ۋە ئارزۇسىنى قوغلىشىپ، ئۈرۈمچىگە كەلدى.

  ئۈرۈمچىدە ساۋۇرجان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەكتىپىنىڭ ئاشخانىسىدا سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ ئىشلەپ ھۈنەر ئۆگەندى، تۆت يىل ئىچىدە ھەر خىل قورۇمىلارنى قورۇشنى ئۆگەندى.

  ساۋۇرجان 2001-يىلى شاڭخەيگە بارىدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئاغىنىسى بىلەن شاڭخەيگە كەلدى. ئەينى چاغدا يەرشارى ئاشخانىسى پەقەت كىچىك كاۋاپخانا بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، كاۋاپخانىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، شاڭخەيدىكى ئۆزگىچە مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىغا ئايلىنىشىغا شاھىت بولدى.

  ساۋۇرجان 2002-يىلى بىر يىل ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا يۇرتىغا قايتىپ ئۆيلەندى ھەم ئىگىلىك تىكلىدى. ئاقسۇ شەھىرىدە ئاچقان «ياخشى بالا» ئاشخانىسى بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن ئېتىلىپ قالدى. 2006-يىلى ئىگىلىكى مەغلۇپ بولغان ساۋۇرجان يەنە شاڭخەيگە كەلدى، يەرشارى ئاشخانىسى ئۇنىڭغا يەنە قۇچاق ئاچتى. ساۋۇرجان قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭدىن ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن خوتۇنى ۋە ئىككى ئىنىسى بىلەن ئىشلىگەچ باشقۇرۇش بىلىمىنى ئۆگەندى، ئۇ ھامىنى بىر كۈنى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى قايتا داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى.

  2008-يىلى ساۋۇرجان ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ يەرشارى ئاشخانىسىدىن يەنە ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتىپ، ئارزۇسىنى روياپقا چىقارماقچى بولدى. بۇ قېتىممۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇردى، پۈتۈن دەسمايىسىنى سالغان ساۋۇرجان تىجارەتتە كۆپ زىيان تارتتى.

  ساۋۇرجان تارتقان دەرد-ئەلەملەرنى ئەسلىگەن چېغىدا ئالدى بىلەن كاللىسىغا يەرشارى ئاشخانىسى كەلدى، ھالاۋەت ۋە جاپانىمۇ كۆرگەن ساۋۇرجان شاڭخەيگە يەنە كېلىپ، يەر شارى ئاشخانىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئاشپەزلىك ماھارىتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، يەر شارى ئاشخانىسىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن لەڭمەنچى ئاشپەز بولۇپ قالدى.

  ساۋۇرجان دائىم: «ئائىلە، يۇرت، دۆلەت تىنچ-ئامان بولسىلا بولدى، 56 مىللەتنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق» دەيتتى. تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن ساۋۇرجان ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن قورقمايتتى.

  جاڭ فامەي كىشىلەردە «شىنجاڭچە تەبەسسۇم»نى قالدۇردى

  «بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى، ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز، مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، بىراق كۆپچىلىك جىددىيلەشمەيلى، خېرىدارلار تاماق بۇيرۇتقاندا، نېمىنى يەيدىغان، نېمىنى يېمەيدىغانلىقىنى ئېنىق سورىۋالايلى ھەم ئاشخانىنىڭ ۋە ئۆزىمىزنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلايلى». چۈشكە يېقىن ئاشخانىنىڭ بېسىق مەزگىلى باشلاندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەرشارى شىنجاڭ ئاشخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى جاڭ فامەي مۇلازىملارنى يىغىپ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جېكىلىدى.

  شاڭخەي شەھىرىدە ئۈچ يىل تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق، 23 ياشقا كىرگەن خۇيزۇ قىز جاڭ فامەي ئىشنى مۇلازىملىقتىن باشلاپ، بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۈچ ئاي ئىلگىرى يەرشارى ئاشخانىسىغا كېلىپلا ئاشخانا رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.

  جاڭ فامەي شاڭخەيگە كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا گاڭگىراپ ۋە ئىككىلىنىپ قالغانىدى. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى جاڭ فامەي تېخنىكومدىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ، ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ، شاڭخەيگە كەلدى. «ئۇ چاغدا پويىزغا ئولتۇرۇپ كەلگەنىدىم، پويىزدىن چۈشۈپلا نېمە قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم، نەگە بېرىشنمۇ بىلمەيتتىم، كېيىن يان تېلېفوندىن شىنجاڭنىڭ شاڭخەيدىكى ئىش باشقارمىسىنى تېپىپ شۇ يەرگە باردىم، چۈنكى شىنجاڭ ئىش باشقارمىسى شىنجاڭلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىشەنچلىك دەپ ئويلىدىم» دېدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن جاڭ فامەينىڭ شاڭخەيدىكى تۈنجى خىزمىتى شىنجاڭ ئىش باشقارمىسىنىڭ ئاشخانا مۇلازىملىقىدىن باشلاندى.

  تەخسە كۆتۈرىدىغان خىزمەت ئۇنىڭغا بېسىم ئېلىپ كەلدى ھەم چارچاتتى. « دەسلىپىدە بىر كۈندە ئون نەچچە سائەت ئىشلىدىم، ئارىلىقتا ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە دەم ئالمايتتۇق،كەچتە بەك كەچ ياتىدىغان بولغاچقا، ھەر كۈنى ئۆزۈمنى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم» دېدى ئۇ. بىراق شىنجاڭدىكى ياشىنىپ قالغان ئانىسى يادىغا كەلسىلا، ئۇ چىشىنى چىشلەپ ئىشلەيتتى.

  يەرشارى ئاشخانىسىنىڭ تەڭرىتاغ تارماق ئاشخانىسىدا خىزمەتچىلەر ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ كوللېكتىپتا جاڭ فامەي ھەرگىز ياتسىراپ قالمىدى.

  مۇنداق بىر ئىش ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايتتى. بىر قېتىم ھاۋا ئۆزگىرىپ سوغۇق بولۇپ كەتكەندە، ئۇ زۇكام بولۇپ قىزىپ قالىدۇ، 4-كۈنى ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ، مىدىرلىغۇدەك ھالى قالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشخانىغا تېلېفون ئۇرۇپ رۇخسەت سورايدۇ. چۈشتە ئاشخانا خوجايىنى خىزمەتداشلار بىلەن بىرگە ئۇنى يوقلاپ كېلىدۇ.

  − كۆپچىلىك ھال سوراپ كەلگەندە، ھاياجىنىمدىن يىغلاپ كەتتىم،− دېدى جاڭ فامەي.

  شۇنىڭدىن كېيىن، جاڭ فامەي جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش پوزىتسىيەسى بىلەن خېرىدارلارغا تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى.

  تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە جاڭ فامەي بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، ئۇ خېرىدارلارنىڭ ھەر خىل تەلىپىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ھەممەيلەندە «شىنجاڭچە تەبەسسۇم» نى قالدۇردى.

  تۇرغۇنجان ئۇسسۇل سەھنىسىدە «شىنجاڭچە قىزغىنلىق»نى نامايان قىلدى

  شىنجاڭچە ناخشا-ئۇسسۇل يەر شارى ئاشخانىسىنىڭ تىجارىتىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا ئىدى. ھەر ھەپتىدە يەر شارى ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكىلەر موگەنشەن يولىدىكى رېپېتىتسىيە زالىدا مەشىق قىلاتتى. تۇرغۇنجان ئارتىسلارغا يېتەكچىلىك قىلاتتى.

  يەرشارى ئۇسسۇل ئۆمىكى ئالتە يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىن كەلگەن، تۇرغۇنجان بۇ ئۆمەككە كەلگەندىن كېيىن، سەنئەت نازارەتچىسى بولدى. ئەنئەنىۋىلىككە زامانىۋى ئامىلنى قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش تۇرغۇنجان ئەڭ باش قاتۇرىدىغان ئىش ئىدى.

  تۇرغۇنجان ئارتىسلارغا: «مەشرەپ مۇزىكىلىرى بىلەن خېرىدارلارنىڭ غىزالىنىشىنى بىرلەشتۈرگەندىلا، كۆپچىلىكنى شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقى، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ جەزبىدارلىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ»، دەيدۇ.

  32 ياشقا كىرگەن تۇرغۇنجان شەرقىي جۇڭگو تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن، 2013-يىلى شاڭخەي «شەرق» تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «ئۇسسۇلچىلارنى تاللاش» مۇسابىقىسىدە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  تۇرغۇنجاننىڭ دادىسى بالدۇر ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا، ئانىسى يالغۇز تۆت بالىنى قاتارغا قوشقان. تۇرغۇنجان خىزمەتنىڭ بىر ئائىلىگە نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، بىراق ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرگەچكە، «تۆمۈر قاچا»نى تاشلاپ، شاڭخەيدىكى كوچا ئۇسسۇلى چەمبىرىكىگە قايتىپ كەلدى.

  ياشلىق مەزگىلىدىن قىرانلىق دەۋرىگىچە، ئۇنىڭ ئوي-خىيالى ئاستا-ئاستا ئۆزگەردى.

  2013-يىلى يازدا ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق، «كوچا ئۇسسۇلى ئوينايدىغان قېرى يىگىت» كوچا ئۇسسۇلى تەربىيەچىسىلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، يەرشارى يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىگە كەلدى.

  − كوچا ئۇسسۇلى ئويناۋاتقىنىمغا ئاز كەم 14 يىل بوپتۇ، قانداقلا بولسۇن، سەكرەپ بېقىشنى ئويلىدىم،− دېدى تۇرغۇنجان، ئۇ يەرشارى شىركىتىنىڭ «ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان» كارخانا ئىكەنلىكىنى بايقاپ، بۇ سەھنىدە ئۆزىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

  ئارتىسلار نۇرغۇن خېرىدارنى جەلپ قىلدى، ئاشخانىدا دائىم ئورۇن قالمايتتى. «خېرىدارلار بىزنىڭ ئويۇنىمىزنى كۆرۈپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولسىلا، مېنىڭچە بۇ مەن قىلماقچى بولغان ئىش دەپ ئويلايمەن»، دېدى تۇرغۇنجان.

  كەچ كىرىشى بىلەن يەرشارى ئاشخانىسىنىڭ سەھنىسىدە تۇرغۇنجان ئارتىسلار بىلەن بىرگە، ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.

  شادىيانە ناخشا-مۇزىكا ساداسى ئىچىدە يەر شارى ئاشخانىسى خۇشاللىق قاينىمىغا چۆمگەنىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر