باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىدى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2015.09.25 17:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشخانىسى 24-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىدى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈنلەر «ئاق تاشلىق كىتاپ»نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەردى.

  «ئاق تاشلىق كىتاب» 20 مىڭ خەتلىك بولۇپ، مۇقەددىمە، تولۇق تېكىستى، خاتىمەدىن تەركىپ تاپىدۇ. تولۇق تېكىستى توققۇز بۆلەككە بۆلىنىدىغان بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات، كونكىرت ئىش-خاتىرىلەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىسىنى ئوموميۈزلۈك شەرھىلەپ بېرىدۇ، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغانلىقى ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر دەلىللەپ بېرىدۇ. سىرتقا قارىتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى، قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل مەنزىرسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

  «ئاق تاشلىق كىتاپ»تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى-ئىلگىرىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق گۈللىنىۋاتقانلىقى، تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدا ئۇتۇقلۇق ئەمەلىيىتى.

  «ئاق تاشلىق كىتاپ»تا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھازىر يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىغا چىقتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ غەرپكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك، ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، سودا-ئوبوروت، پۇل-مۇئامىلە، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى. مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش» تەك شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

  بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا مەملىكەتنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 42 تاراتقۇنىڭ 70 قا يېقىن مۇخبىرى قاتناشتى. مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو گېزىتى، رېتىر ئاگېنتلىقى قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال سورىدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە دائىر ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى.

  ئۇقۇشۇمچە، «ئاق تاشلىق كىتاپ خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، فرانسوزچە، روسچە، نېمىسچە، ئىسپانچە، ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخلىرىمۇ ئېلان قىلىنىدىكەن. خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە نۇسخىسىنى خەلق نەشرىياتى، چەتئەل تىلى نەشرىياتى نەشىر قىلغان بولۇپ، پات ئارىدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىنخۇا كىتاپخانىلىرىدا تارقىتىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر