باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>يۈ جېڭشېڭ

ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى

يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا ھال سوراشقا كېلىدۇ

2015.09.25 17:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: ئاخبارات ئېلان قىلىش نەق مەيدانى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 24-سېنتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رامكىلىق تەبرىك سۆزى يېزىپ بەردى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا ھال سوراشقا كېلىدۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.

  24-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ كەيخۇڭ مۇنداق دېدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھازىر تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 25-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە شىنجاڭغا بېرىپ ھال سورايدۇ.

  خۇ كەيخۇڭ مۇنداق دېدى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە «مەركەزلىشىش-تارقاقلىشىش-يەنە مەركەزلىشىش» شەكلىدە پائالىيەت قىلىدۇ، پائالىيەت كۈتىۋېلىش مۇراسىمى، خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بەش شۆبە ئۆمەككە بۆلۈنۈپ، شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ ھال سورايدۇ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار، ئىلغارلار، نەمۇنىچىلەر ۋەكىللىرى، ھەر ساھە، ھەر مىللەت زاتلىرى ۋە سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكى كادىرلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكىلەرنى يوقلايدۇ ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە كۈتىۋېلىش يىغىنى، ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىقلارغا قاتنىشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ يېزىپ بەرگەن «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىغا ئورتاق يېتەيلى» دېگەن رامكىلىق تەبرىك سۆزىنىڭ يوپۇقى خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا ئېچىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن قىسمەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۆتكۈزۈلۈۋېتىپتۇ. بۇ پائالىيەتلەر «شىنجاڭغا مەدھىيە» ناملىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى، بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدا «ۋەتىنىمىز قوينىدا» باش تېمىسىدىكى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق چاتما فىلىمنى قويۇش، جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش، «شىنجاڭنىڭ شانلىق 60 يىلى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابنى نەشر قىلىپ تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر