باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تارتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرىگە قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.09.24 18:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 22-سېنتەبىر بېيجىڭدا «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرىگە قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن ھەت ئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تىنچ تەرەققىيات دەۋر باش تېمىسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى بىلەن بىردەك، ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ رىئال ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ. «بىر بەلۋاغ، بىر يول» بىر-بىرىگە باغلىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يول، شۇنداقلا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يولى، جۇڭگونىڭلا يولى ئەمەس بەلكى ئەتراپىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق يولى، ئۇ دۇنياغا پۇرسەت، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت-سائادەت ئاتا قىلىدۇ.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: تاراتقۇ ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، يېڭى تاراتقۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خادىملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھىرلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش خىزمىتى كۆپ ئىشلەپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ كۆپ ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىپ، يەنىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ھەر قايسى تاراتقۇ ۋەكىللىرى: «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تاراتقۇ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

  خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ، باش مۇھەررىر لى باۋشەن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى. «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرىنى خەلق گېزىتى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇردى، 60 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ 120 نەچچە چەت ئەل تاراتقۇ ئاپپاراتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر