باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنى قۇتقۇزۇش تور بېكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

284 نەپەر قۇتقۇزۇلغان بالا تۇغقانلىرىنى ئىزدەيدۇ

2015.09.22 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكى ياسىغان «مەملىكەت بويىچە ئالداپ كېتىلگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇلغان بالىلارنىڭ تۇغقىنىنى ئىزدەش ئۇقتۇرۇش سۇپىسى» 19-سېنتەبىر ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 20-سېنتەبىر سائەت 22:30 مىنۇتقىچە كۆرۈلۈش مىقتارى بىر مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئىگىلىنىشىچە، ئالداپ كېتىلگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تېپىۋېلىشى ئۈچۈن، خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكى ھەرقايسى جايلارنى تېزدىن ئالداپ كېتىلگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان بالىلارنىڭ ھەممە ئۇچۇرىنى بۇ سۇپىغا كىرگۈزۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ بۇ تور بېكەتنى كۆرۈپ بايقىشىچە، گۇاڭدوڭ، خېنەن، شەندوڭ، گۇاڭشى، خۇبېي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆلكىلەر ئالداپ كېتىلگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان 284 نەپەر بالىنىڭ ئارخىپىنى بۇ سۇپىغا كىرگۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا، خەلق ئىشلار مىنىستىرىكى، ج خ مىنىستىرلىكى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئالداپ كېتىلگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەشكە مۇناسىۋەتلىك مېخانىزملارنى تۇرغۇزدى. بەلگىلىمە بويىچە، بالىلار يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ج خ تارماقلىرى تېزدىن ساقچى چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېتكا قىلىپ، بالىلار يوقاپ كەتكەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئىزدەپ تېپىش مېخانىزمىنى تېزدىن قوزغىتىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر