باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جەلپكار تەڭرىتاغ» يۈرۈشلۈك قىسقا كىنولىرى ئۆكتەبىردە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

2015.09.25 17:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن شىنجاڭ خاندىيار خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە سۈرەتكە ئالغان چوڭ تىپتىكى «جەلپكار تەڭرىتاغ» يۈرۈشلۈك قىسقا كىنولىرى ئۆكتەبىردىن باشلاپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەر قايسى ئۇيغۇرچە قاناللىرىدا ھەر ھەپتىدە بىر قىسىمدىن قويۇلىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، «جەلپكار تەڭرىتاغ» يۈرۈشلۈك قىسقا كىنولىرى جەمئىي 52 قىسىم بولۇپ، فىلىمنىڭ ھەر بىر قىسمى مۇستەقىل بىر ھېكايىدىن تەركىب تاپقان، بۇ فىلىملەردە گۈزەل شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ھەم شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ فىلىم 4k ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنىپ، تېلېۋىزىيە نۇسخىسى ۋە كىنو نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلچەمدە ئىشلەنگەن. بۇ يۈرۈشلۈك قىسقا كىنولارنىڭ باش رېژىسسورلۇقىنى شىنجاڭ خاندىيار شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەنۋەر تۇرسۇن ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قويۇلغان فىلىملەردىن ھەر پەسىلدە بىر قېتىم «ئەڭ ياخشى باش پېرسوناژ» ھەم «ئەڭ ياخشى قوشۇمچە پېرسوناژ» كۆرۈرمەنلەرنىڭ باھاسى بويىچە باھالىنىپ مۇكاپاتلىنىدىكەن، شۇنداقلا ئاخىرىدا «يىللىق ئەڭ ياخشى پېرسوناژ، سېنارست، ئوپېراتور، مۇزىكا ۋە ئەڭ ياخشى قىسقا كىنو» تاللاپ چىقىلىپ مۇكاپاتلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر