باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭغا مەملىكەت بويىچە 5-قېتىم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2015.09.24 19:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭغا مەملىكەت بويىچە 5-قېتىم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 23-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم كۆرسەتمىسى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، ۋەزىيەت ئانالىز قىلىنىپ، ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش− پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم پرىنسىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك؛ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بېرىش -كېلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش، بارلىق ئىشلاردا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ماددىي ئاساسى، ئىدىيىۋى ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە جەزمەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ كۈچەش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئالدىنقى نىشان قىلىپ، يەرلىك ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز يېرىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مائارىپنى ياخشى تۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قوش تىل ئوقۇتۇشى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچلىرىنى تەربىيىلەش، باشقۇرۇش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىش سىياسىتى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بويىچە بىرلىككە كەلگەن تۈزۈلمە ئورنىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا مايىللىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتى تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىش كېرەك. بەشىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، «قوشماق بولۇش، تۇغقان بولۇش، دوستلىشىش، قول تۇتۇشۇش»قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بېرىش-كېلىش قىلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاش كېرەك. ئالتىنچىدىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىدىكى نېگىزلىك قۇرۇلۇشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا مائارىپتا ياردەم بېرىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە سەۋىيىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئېھتىياجغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇزاققىچە، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلغان نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى يەنىمۇ ياخشى قىلىش كېرەك. «قان بېرىش»، «قان ھاسىل قىلىش»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەقلىي جەھەتتىن قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ۋە قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك؛ تۈزۈلمە، مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئورتاق مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ياردەم بەرگەن، ياردەمگە ئېرىشكەن جايلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ياخشى ئىجتىمائىي جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى.

  سۈن چۈنلەن خۇلاسە سۆزى قىلىپ، يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۇ چىڭلىن، ۋاڭ جېڭۋېي يىغىنغا قاتناشتى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر