باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا مۇھاجىرلار ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2015.09.25 18:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 23-سېنتەبىر سېئاتېلدا ئامېرىكىنىڭ مۇھاجىرلار ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى. شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىدىكى كەڭ مۇھاجىر قېرىنداشلار قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەپ، ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئامېرىكىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە كۆڭۈل بىلىپ، ۋەتەننىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۆرۈشىگە پائال ياردەم بېرىپ، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى، بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ 30 نەچچە يىللىق تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئامېرىكىدىكى كەڭ مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ھارماي تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشنى ساقلاش، ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق، شۇنداقلا دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىدىن ئىبارەت بۇ تورنى ئۆزلۈكسىز زورايتىپ، 21-ئەسىردىكى ئورتاق خېرسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىمىز.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىقتىساد تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە تىنچ تەرەققىيات يولىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە مۇھاجىر قېرىنداشلارغا مۇنداق ئۈچ ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1-: ئامېرىكىنىڭ ئاساسى جەمئىيىتىگە پائال سىڭىپ، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئۆرپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن تىنچلىقتا بىرگە ئۆتۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرسەڭلار. 2-: جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى بىلىش، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى باشلاشتەك ئۈستۈنلۈكىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئارا مەنپەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا كۆۋرۈك بولۇپ، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو ئامېرىكا دوستلۇقى ئۈچۈن تۆھپە قوشساڭلار. 3-: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ئوبدان سۆزلەپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىساڭلار.

  ئامېرىكىدىكى مۇھاجىرلار ساھەسىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى قارشى ئالدى ھەمدە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ گەرچە چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ۋە بىرلىكىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللاپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر