باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىچىلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2015.09.25 18:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ سېئاتل ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىچىلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئاللىبۇرۇن پاسسىپ تىزىملىك سۆھبىتىدە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ھەرقايسىسىدىن 15 باشلامچى كارخانىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت تورى ماگناتى «ئەلى بابا»، تېڭشۈن قاتارلىقلار، ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى داڭلىق كارخانىسى مىكروسوفت، ئالما، بوئىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.شى جىنپىڭ بۇ يەردە ئولتۇرغان كارخانىچىلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى ئۇزاق مۇددەتلىك نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئاساسەن ياخشى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز %7 لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، 10 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادىي كۆلىمىنىڭ ئاساسىدا %7 ئېشىپ، بۇرۇنقىدىن % 10 ئاشتى، كۆلىمى يەنىمۇ زورىيىدۇ.

  شى جىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقى بارغانچە زورىيىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى ئەلى بابانىڭ كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ دېگەنگە ئوخشاش، ئېچىپ قويسىلا ياپقىلى بولمايدۇ. جۇڭگو ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيىلىك، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويماقتا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا، چەت ئەلنىڭ تېخنىكىسى، مەبلىغى، مەھسۇلاتىغا بولغان ئېھتىياجى داۋاملىق ئاشىدۇ، بىز ھازىر ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي يېڭى سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈش چېكىنى زور دەرىجىدە ئازايتتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سېلىش سودا كېلىمشى سۆھبىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش سودا كېلىشىمى سۆھبىتى، كەلگۈسىدە ھاسىل قىلىنىدىغان كېلىشىم جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بازارغا كىرىش چەكلىمىسىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە بوشىتىدۇ، ھازىر ئىككى تەرەپ پاسسىپ تىزىملىك سۆھبىتىدە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ ئۆمىكىنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، قوش يۆنىلىشلىك تەڭپۇڭ ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمىنى بالدۇرراق ئىمزالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم ئامىللار ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق بىر بىرىنىڭ كەم كۇسىتىنى تولۇقلاش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، « 1 + 1 ئىككىدىن چوڭ بولۇش»نىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق 3-دۆلەت ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارغا ئورتاق بەخت يارىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر