باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى رىغبەتلەندۈردى: گۇماننىڭ ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىش كېرەك

2015.09.25 17:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ 24-سېنتەبىر خېنەن «باۋشۈي» ئەشيا ئوبوروت مەركىزىگە كېلىپ، بۇ يەردە كەسىپ بېجىرىۋاتقان «جۈمېي يۇۋپىڭ»، «شياۋخۇڭشۇ» قاتارلىق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتىنى تەكشۈردى. ئۇلارنىڭ كۆپ گۇرۇپپىلىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودىنى چۈشەندۈرۈشى زەربىگە ئۇچرىمايلا قالماستىن يەنە ئادەتتىكى سودا ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادقا پايدىلىق. زۇڭلى ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: گۇماننىڭ ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىش، بوراننىڭ ئىچىدە ئېلىشىش، مۇۋاپىق پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىش كېرەك.

  [لى كېچياڭ خېنەننىڭ «تاموژنىدىن سېكۇنت ئىچىدە ئۆتۈش» يېڭى ئەندىزىسىنى ماختىدى] لى كېچياڭ 24-سېنتەبىر خېنەن «باۋشۈي» ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتقانلىقى ۋە ماللارنى «قوش ئىختىيارىي» تاللاپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويغاندىن كېيىن بۇ يەردىكى ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنىڭ نەچچە كۈن، نەچچە سائەتتىن «تاموژنىدىن سېكۇنت ئىچىدە ئۆتۈش» دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى، رايوندىكى كارخانىلارنىڭ سېتىش سوممىسىنىڭ گېئومېتىرىيەلىك قاتار بويىچە ئۆسكەنلىكىنى بىلدى. لى كېچياڭ ئۇلارنىڭ بۇ تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن يەنە ئىجارىكەشلىك بوشلۇقىنى كىچىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقانلىقىنى ماختىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر