باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق ئاسىيادىكى500 داڭلىق ماركا ئېلان قىلىندى

«خەلق گېزىتى» ئاسىيا بويىچە تۇنجى مەتبۇئات تاراتقۇسى بولۇپ قالدى

2015.09.22 17:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 2015- يىللىق «ئاسىيادىكى 500 داڭلىق ماركا» تىزىملىكى شياڭگاڭ Marriott مېھمانسارىيىدا ئېلان قىلىندى، بۇ دۇنيا ماركا تەجرىبىخانىسىنىڭ 11- قېتىم ئاسىيا ماركىلىرىنىڭ تەسىرىنى باھالىشى ھېسابلىنىدۇ. كورېيەنىڭ samsung ، ياپونىيەنىڭ sony ۋە جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى: «خەلق گېزىتى» ئاسىيا بويىچە تۇنجى مەتبۇئات تاراتقۇسى بولۇپ قالدى.

  «ئاسىيادىكى 500 داڭلىق ماركا»نى باھالاش ئۆلچىمىدە ماركىنىڭ ئاسىيادىكى تەسىرى، جۈملىدىن ماركا ئارقىلىق بازار ئېچىش، بازار ئىگىلەش ھەم پايدا يارىتىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار. بۇ قېتىم 20 دۆلەت ۋە رايوندىن 500 ماركا تاللاندى، جۇڭگو(شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 204 داڭلىق ماركا تاللىنىپ، 500 داڭلىق ماركا ئىچىدە %40.8 نى ئىگىلەپ 1- ئورۇندا تۇردى؛ ياپونىيەنىڭ 156 داڭلىق ماركىسى تاللىنىپ %31.2 نى ئىگىلەپ 2- ئورۇندا تۇردى؛ كورېيەنىڭ 48 داڭلىق ماركىسى تاللىنىپ 3- ئورۇندا تۇردى.

  جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىرىدىن ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان ماركا سودا سانائەت بانكىسى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ۋە جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى. تاراتقۇلار ئىچىدە «خەلق گېزىتى» ئومۇمىي رەت تەرتىپتە 56- ئورۇنغا ئۆتۈپ، بۇلتۇرقىدىن ئىككى دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تۇنجى قېتىم «يۇمىئۇرى خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئاسىيادا 1- ئورۇندا تۇرىدىغان مەتبۇئات تاراتقۇسى بولۇپ قالغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر