باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئېلان قىلىندى

2015.09.25 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدىكى ئاساسىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تونۇشتۇردى.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى، ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ كەيخوڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ، پارتىيە – مەركەز، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق تەبرىك پائالىيىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بەرگەنلىكىنى، يېقىندا، تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيىتى خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغانلىقىنى ئېيتتى. 25-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە، مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈ جىڭشىڭ كومىتېت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مەركىزىي ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا بېرىپ ھال سورايدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شۆھرەت زاكىر تارقىتىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، ئاپتونوم رايونىمىزدا چوڭ تەبرىك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى، تەبرىك پائالىيىتى «داغدۇغىلىق، قىزغىن، تىجەشلىك، ئەمەلىي، بىخەتەر» بولۇشنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلغان بولۇپ، «ئىتتىپاق، كۈرۈش قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدارلىق، ئۆزگىچە بولۇش»نى ئاساس قىلغان. ئاساسلىق پائالىيەتلەردىن:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى؛ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىغا بېرىپ ھال سوراش پائالىيىتى؛ ئۇنىۋېرسال ئەدەبىيات ـ سەنئەت پائالىيىتى كېچىلىكى «شىنجاڭغا سوۋغا»نى ئۆتكۈزۈش؛ بېيجىڭ، شىنجفڭدا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «ۋەتەن قۇچىقىدا ــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى»نى ئۆتكۈزۈش؛ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلەر فىلىمى «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى قويۇش؛ «جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»نى ئۆتكۈزۈش؛ چوڭ تىپتىكى كىتابلار كۆرگەزمىسى«شىنجاڭنىڭ شانلىق 60 يىلىنى ئۆتكۈزۈش» قاتارلىقلار. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر