باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تيەنجىن پورتىدىكى رۈيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بويۇملار ئىسكىلاتىدا 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالى توغرىسىدا بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ ۋە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، خەلققە جاۋاب بېرىش كېرەك

2015.09.24 17:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يوشۇرۇن ئاپەتنى تۈگىتىپ ۋە يوچۇقلارنى توسۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

  جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېىتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-سېنتەبىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تيەنجىن پورتىدىكى رۈيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بويۇملار ئىسكىلاتىدا 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالى توغرىسىدا بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېىتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋەقەسى ئىكەنلىكى، نۇرغۇن خادىمنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، جەمئىيەتتە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سەۋەبنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. يېقىنقى مەزگىلدە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ۋە دەلىل-ئىسپات ئېلىپ، نۇرغۇن 1-قول ماتېرىيال ۋە ئىسپاتلارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋەقەتنىڭ جەريانى ۋە زىيان ئەھۋالى، شۇنداقلا ۋەقە يۈز بەرگەن كارخانىنىڭ قانۇن-نىزامغا خىلاپ تىجارەت قىلىش ۋە ئالاقىدار تارماقلاردا چىرىكلىشىش ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئىلمىي ۋە توغرا بېكىتشكە ئاساس سالدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر