باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئەنگلىيەلىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2015.09.25 13:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن 23 - سېنتەبىر چۈشتە ئەنگلىيە كابىنېتىنىڭ 1 - ۋەزىرى، قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى گېئورگى ئوسبورنې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  گېئورگى ئوسبورنې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى جۇڭگوغا كېلىپ 7 - قېتىملىق جۇڭگو - ئەنگلىيە ئىقتىساد، مالىيە سۆھبىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغان. نەيىم ياسىن شىنجاڭنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، 2010 - يىلى ئېچىلغان مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، مەملىكەت بويىچە 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تۈزدى. ھازىر شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرماقتا، جۇڭگو شىنجاڭ ئەنگلىيە بىلەن ئىقتىساد، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  گېئورگى ئوسبورنې مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا تەرەققىيات پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق شىنجاڭنى، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنمەكچىمەن. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئېلىپ كەلگىنى قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش بولۇپ، بىز جۇڭگو - ئەنگلىيە سودا مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتۈن جۇڭگونى قاپلىشىنى خالايمىز، ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق تۈرلەرگە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو شىنجاڭ شىركەتلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  كۆرۈشۈشتە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شى ياۋبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئەسقەر تۇرسۇن بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر