باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بېيجىڭدا دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى PPP ئەندىزىسى بويىچە ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئاچىدۇ

2015.09.25 11:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى 22 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد يۈەنلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىق (PPP) ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قۇمۇل سەنتاڭخۇ كۆمۈر بايلىقىنى بىرلىكتە ئاچىدىغان بولدى. بۇ دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەقدىم قىلغان سوۋغىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۈلگىسى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى خۇ خۈەيباڭ، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بانكا باشلىقى جېڭ جىجيې ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ قېتىم ئىمزالانغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەلىككە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغ جۇغلاش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ھەمكارلىقى - شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  خۇ خۈەيباڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭغا بېرىلىدىغان قەرز پۇل كۆلىمىنى ساقلاشقا مايىللىشىش سالمىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ كەسپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللايدۇ.

  دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭنى ئىزچىل ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەركىزى قىلىپ، پۈتۈن سىستېمىدىكى بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي مىقدارى 540 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى كارخانىلار، شۇنداقلا تۈرلەرگە 400 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ بەردى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ ۋېي، ۋەن خەيچۈەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر