خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22- سېنتەبىر ئامېرىكا ۋاشنگتون ئىشتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى سىئاتېلغا كېلىپ، ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. شى جىنپىڭ بىلەن خانىمى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلمىچىسىدىن چىقماقتا.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22- سېنتەبىر ئامېرىكا ۋاشنگتون ئىشتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى سىئاتېلغا كېلىپ، ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان سىئاتېل پېييىن خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلمىچىسىدىن چىقتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ۋەكىلى، ۋاشنگتون ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ئىنسلى ۋە خانىمى، قۇشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى ئەمەلدارى ۋە سىئاتېل شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇررايكاي، شۇ جايدىكى سىياسىي ئەربابلار ۋە ھەر ساھە دوستانە زاتلار ئايروپىلان پەلەمپيى ئالدىغا كېلىپ، شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەننى قىزغىن قارشى ئالدى. شۇ جايدىكى بالىلار شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەنگە گۈل سوۋغا قىلدى.
شى جىنپىڭ ئامېرىكا خەلقىگە سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە بەخت تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى ئۇلۇغ دۆلەت، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا خەلقلىرى ئۇلۇغ خەلق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 36 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت بوران چاپقۇنلۇق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، غەيرەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت ياراتتى. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتى، ھەمكارلىق ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئىككى دۆلەت خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز ماسلاشتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپ توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدى، دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان توغرا تاللاش. بۇ قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشتىكى مەقسىدىم، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر ساھەدە ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈچۈن يول ئېچىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش. ئوباما زۇڭتۇڭ بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىرلىشىش ، ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە زاتلىرى كۆپرەك ئۇچرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇلۇغ پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈشكە تەقەززامەن.
ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار ھەمراھ بولۇپ كەلدى.
جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي ئايرودرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى