باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - قېتىملىق يىغىنى مەخسۇس تېمىلىق سۈرۈشتۈرۈش يىغىنى ئاچتى

يىغىندا دىققەت مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلدى

2015.09.21 13:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يىراق، تاغلىق رايونلاردىكى مەكتەپلەر ئىزىنى باسىدىغان ئوقۇتقۇچى بولماسلىق قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. شۇنى سوراپ باقاي، ئاپتونوم رايون بۇ مەسىلىنى قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھەل قىلىدۇ؟...» 20 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - قېتىملىق يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن مەخسۇس سۈرۈشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ھاۋالە قىلىپ، يىغىنغا قاتناشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى قىسمەن ئەزالار ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، «بىر سوئال، بىر جاۋاب» شەكلىدە سۈرۈشتۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن مەخسۇس تېمىلىق سۈرۈشتۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىمقى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاشقا ئالايىتەن ئورۇنلاشتۇردى ۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى توپلىدى.

  يىغىندا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى چەت، يىراق رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشتاتى بولۇش، ئۆزى بولماسلىق، نۇقتىلارنى بىكار قىلىپ، مەكتەپلەرنى قوشۇۋەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن پەيدا بولغان «مەكتەپتە ئوقۇش تەس» بولۇش ئەھۋالى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ مۇناسىۋەتلىك نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن سۈرۈشتۈردى. بۇ مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلىرى بىر - بىرلەپ جاۋاب بېرىپ، كونكرېت ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىر - كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كالا - قوي گۆشى تىجارىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، ئىككى قېتىم مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق سۈرۈشتۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ يېتەكچى پىكرىنى تۈزۈپ، مەخسۇس تېمىلىق سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىلىق سۈرۈشتۈرۈشنىڭ نازارەت خىزمىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مەخسۇس دوكلاتقا قاراپ چىقىش ھەم سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ھازىرقى مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى مەخسۇس تېمىلىق سۈرۈشتۈرۈش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مائارىپنى قوللاپ، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، نازارەت قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ «يىلتىزى»نى تېپىپ چىقىپ، ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ساھەسىدە ساقلانغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر