باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مەلۇم قىسىمغا «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى قابىل قىزىل 4-روتا» دېگەن شەرەپلىك نام بەردى

2015.09.22 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 73122-قىسىمىنىڭ 61-شۆبە ئەترىتىگە «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى قابىل قىزىل 4-روتىسى شەرەپلىك نامىنى بېرىش يىغىنى» 19-سېنتەبىر فۇجۇدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شەرەپ نامى بېرىش بۇيرۇقى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەمدە بايراق بېرىپ مۇكاپاتلاندى.73122-قىسىم 61-شۆبە ئەترىتى 1927-يىلى خۇاڭما قوزغىلىڭىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇرۇش تۆھپىسى چوڭ، ئىنقىلابى قەھرىمانلار كەينى كەينىدىن ۋۇجۇدقا چىققان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرى روتىسى، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ياڭمىڭباۋغا كېچىدە ھۇجۇم قىلىش، مېڭلياڭگۇ ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشى قاتارلىق يۈز مەيداندىن ئارتۇق ئۇرۇشقا قاتناشقان.

  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان،بۇ روتا باشتىن ئاخىرى پارتىيەگە ئالاھىدە سادىق بولۇش، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئالاھىدە چىڭ بولۇش، ئىستىلى ئالاھىدە قاتتىق بولۇش، ياچېيكىسى ئالاھىدە قەيسەر بولۇشتەك روتا روھى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسىنى نۇرلاندۇرۇپ كەلدى. يېڭى دەۋردە بۇ روتا يىلمۇ يىل ئۆزى تۇرۇشلۇق گۇرۇپپىۋى ئارمىيە تەرىپىدىن ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بولۇپ باھالاندى، كوماندىرلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنەۋۋەر قوماندانلار بولۇپ، كادىر ۋە ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىنىڭ %100 ى«تۆتنى بىلىش» يېتەكچىلىك ئۆلچىمىنى ھازىرلىغان.

  بۇ يىل 3-سېنتەبىر مەزكۇر روتىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ تەشكىللەنگەن «ياڭمىڭباۋغا كېچىدە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچى روتىسى»نىڭ قەھرىمان نەمۇنىچى قىسمى چاسا ئەترىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ھەربىي پاراتتىن ئۆتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر