باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەشتىگە سىڭدى چوڭقۇر مۇھەببەت، جۇڭگو ئارزۇسىدا بىر بولغاچ نىيەت

−− ئۇيغۇر ئاچا - سىڭىلنىڭ رامكىلىق كەشتىنى بېيجىڭغا يەتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا

2015.09.22 14:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن رامكىلىق كەشتە كەشتىلەپ، ئۆز سەمىمىيىتى ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈمىدى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان رەھمىتىنى ئىپادىلىدى.

  20 - سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلغان «ۋەتىنىمىز قوينىدا− شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى»دە، بىر رامكىلىق كەشتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. رامكىلىق كەشتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى نەپس كەشتىلەنگەن بولۇپ، ئالتۇن رەڭ پارتىيە گېربى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان نەقىشلىك تۈۋرۈك، مۇقەددەس تىنچلىق كەپتىرى «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز»دېگەن خەتلەرنى ئوراپ تۇراتتى.

  رامكىلىق كەشتىنى شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۇچقارا 2 - كەنتىدىكى 80 - يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئاچا - سىڭىللار ئەپچىل قوللىرى بىلەن نەپس كەشتىلەپ چىققان. بىر ئاينىڭ ئالدىدا، ئۇلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى يۇرتىدىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ كەشتىلەپ چىققان رامكىلىق كەشتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  بۇ ئاچا - سىڭىللارنىڭ بۇنچە كۆپ جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، چوڭقۇر مۇھەببەتنى ئىپادىلەشكە قانداق بىر كۈچ ۋە ھېسسىيات تۈرتكە بولغان؟ يېقىندا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ چىن ھېسسىياتىنى، شىنجاڭدىكى 60 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بىلىش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىشىغا ئائىت ئەھۋاللارنى ئاڭلاش ئۈچۈن باردۇق.

  مىننەتدار بولۇش −− «بىزدە <سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما>دەيدىغان تەمسىل بار، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمەكچى، ج ك پ غا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمەكچى!»

  سۇۋادانلار سايە تاشلىغان ئۇچقارا 2 - كەنتىدە تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۆيلەرنىڭ تۇرخۇنلىرىدىن ئىس كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بىر ئاددىي دېھقان ھويلىسىدا، ئەنىۋەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈزۈم تېلى ئاستىدىكى ياغاچ كاڭدا ئولتۇرۇپ ناشتا قىلىۋاتاتتى. بىر ئائىلىدىكى ئون نەچچە جان كىشى بىر تەرەپتىن ناشتا قىلغاچ، بىر تەرەپتىن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى قىزغىن مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى.

  ئەنىۋەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ئالاھىدە تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان ھېيت بولدى. چۈنكى، ئۇلار ناھىيەدىكىلەردىن چوڭ قىزى خانئايشەم بىلەن 2 - قىزى مېھرىگۈل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا يەتكۈزۈپ بەرگەن رامكىلىق كەشتىنىڭ بېيجىڭدىكى مىللىي مەدەنىيەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانىدى.

  −− پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنىڭ سوۋغىمىزنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ، بۇ نېمە دېگەن شەرەپلىك ھەم كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش - ھە! −− دېدى خانئايشەم ھاياجان بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرگە يۈرەك سۆزىنى قىلىپ.

  33ياشقا كىرگەن خانئايشەم ئەنىۋەر ئوچۇق - يورۇق، قىزغىن ھەم خۇش پېئىل، 32 ياشقا كىرگەن سىڭلىسى مېھرىگۈل ئەنىۋەر يۈزى تۆۋەن، تارتىنچاق بولۇپ، ھەر ئىككىسى كەشتە تىكىشكە ماھىر ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇرمۇشنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتىن مىننەتدار بولۇش ھېسسىياتىنى قانداق ئىپادىلەش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

  كەشتە تىكىش ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئورتاق قىزىقىشى بولغاچقا، ئىككىيلەن قولىدا كەشتە تىكىپ باش شۇجى شى جىنپىڭغا تەقدىم قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ.

  ئۇلار ئىككى ئاي سەرپ قىلىپ، بىر يىپ - بىر يىپتىن كەشتىلەپ، 60 كۈندە كۆڭۈل سوۋغىسى بولغان بۇ رامكىلىق كەشتىنى پۈتتۈرىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ۋە قوشنىلارنىڭ بىرلىكتە ياردىمى بىلەن ئۇزۇنلۇقى 1.52 مېتىر، كەڭلىكى 0.8 مېتىر كېلىدىغان «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز»دېگەن رامكىلىق كەشتە ئاخىرى پۈتۈپ چىقىدۇ.

  كەشتە پۈتكەندىن كېيىن مېھرىگۈل مۇنداق دەيدۇ: قولىمىزدا كەشتىلەپ چىققان رامكىلىق كەشتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا تەقدىم ئەتكۈم كېلىۋاتىدۇ! ئەمما بېيجىڭ ناھايىتى يىراقتا، بىز رامكىلىق كەشتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىكى رەھبەرلەرگە ئاپىرىپ بېرەيلى، ئۇلار بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى يەتكۈزۈپ بەرسۇن.لېكىن ئەزەلدىن يىراققا سەپەرگە چىقىپ باقمىغان ئاچا - سىڭىللار ئۈچۈن يۇرتىدىن 700 كىلومېتىر يىراقتىكى ئۈرۈمچىگە بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ «خىرىس»قا تولغان سەپەر ئىدى.

  8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن رامكىلىق كەشتىنى ئېلىپ ئىككى بالىسى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىدۇ.

  ئۇلار كەنتتىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، 20 كىلومېتىر يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرىغا بارىدۇ. كۇچا ناھىيە بازىرىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلىتى سېتىۋېلىپ، شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 دە ناھىيەدىن يولغا چىقىپ، ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ. لېكىن بۇ ئىشنىڭ ئەمدىلا باشلىنىشى ئىدى.

  ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقبېشى كوچىسىغا جايلاشقان بىر كىچىك مېھمانخانىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، سىڭلىسى مېھمانخانىدا قېلىپ بالىلارغا قارايدىغان، ئاچىسى سىرتقا چىقىپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئادرېسىنى ئۇقۇپ كېلىدىغان بولۇپ ئىش تەقسىملىشىۋالىدۇ. يېزىدىن كەلگەن ئاچا - سىڭىللارنىڭ نەزىرىدە ئۈرۈمچى ناھايىتى چوڭ ھېسابلانغاچقا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى تېپىش ئۇلارغا ئاسانغا توختىمايتتى.

  خانئايشەم قەتئىي يوسۇندا: «بىزدە <سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما>دەيدىغان تەمسىل بار، پارتىيەنىڭ سىياسىتى شۇنچە ياخشى، بىزگە شۇنچە كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدى، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمىتىمىزنى، ج ك پ غا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرمىسەك بولمايدۇ! قانداقلا بولمىسۇن رامكىلىق كەشتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا يەتكۈزۈپ، كۆڭلىمىزنى بىلدۈرمىسەك بولمايدۇ!»دەيدۇ.

  ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش − «تۇرمۇشىمىز كۈنسېرى ياخشىلاندى، كۈنلىرىمىز بەختكە تولدى»

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىلنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننى ئۇچراتقان مەنزىرىسى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە.

  رامكىلىق كەشتە بىلەن بىرگە باش شۇجى شى جىنپىڭغا يېزىلغان خەتتە مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار:سىزگە شۇنى بەكمۇ دېگۈمىز باركى، ھازىر كەنتىمىزدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى، تۇرمۇشىمىز كۈنسېرى ياخشىلىنىپ، كۈنلىرىمىز بەختكە تولدى، ئىلگىرى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ھازىر بىخەتەر، ئازادە، پاكىز بولغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردۇق؛ ئىلگىرى كېسەل بولساق دوختۇرخانىدا كۆرۈنەلمەيتتۇق، ھازىر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇق، كېسەل كۆرسەتسەك ئاتچوت قىلدۇرالايمىز؛ ئىلگىرى يوللارنىڭ ھەممىسى توپا يول ئىدى، ئاپتوموبىل ماڭسا كەينىدىن توپا - چاڭ كۆتۈرۈلەتتى، يامغۇر ياغسا، يەرلەر پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، ھازىر ئېتىزلىققا بارىدىغان يوللىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئاسفالتلاشتى، سىرتقا چىقىشىمىز بەك قولايلىق بولدى؛ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ياشانغانلار تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى، بالىلارنى ئوقۇتۇشقا يېنىمىزدىن بىر پۇڭ پۇل چىقارمايدىغان بولدۇق...ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ سەمىمىي سۆزلىرى دەل ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر.

  ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ يۇرتىدا، يەنى ئۇچقارا 2 - كەنتىنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى تۇرسۇن مەمەتئىمىن كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، ئۇچقارا 2 - كەنتى دەسلەپكى ئۈچ كىشىدىن 390 ئائىلىلىك 1835 كىشىگە كۆپەيدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەر بىر ئائىلىلىككە 35 مىڭ يۈەن ياردەم پۇل بەردى، ھازىر كەنتتە ھەممە ئائىلە يېڭى ئۆي سالدى، توك، سۇ مەسىلىسى ھەل بولدى...بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدا، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ يۇرتى، يەنى ئۇچقارا 2 - كەنتىگە ئوخشاش ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن جايلار ناھايىتى كۆپ.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى «ئاممىنى 1 - ئورۇنغا، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم ئورۇن قويۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتتى. نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىشقا ئوخشاش خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر ھەر مىللەت خەلق ئېنىق كۆرگەن، بىلگەن چوڭ ئىشلار، ئەمەلىي ئىشلار كۆپ بولدى.

  كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ فاسېن ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇل مۇئەسسەسەلەر ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا قارىغاندا، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولدى. ئامما ئەڭ راستچىل بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكتى، ئاممىغا يېقىنلاشتى، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كۆزلىدى، ھەممە ئىشتا ئاممىنىڭ پاراۋانلىقىنى، ئامما ئۈچۈن ئىش قىلىشنى ئويلىغاندىلا ئاندىن ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن مۇھەببىتىگە ھەقىقىي سازاۋەر بولغىلى بولىدۇ».ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2014 - يىلى 2 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ، 200 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشكە تەشكىللەش توغرىسىدىكى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ئاممىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىپ، دوست بولۇپ، ئۆيمۇ - ئۆي بېرىپ ئەلرايىنى، ئاممىنىڭ ئويلىغىنى، ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئۇلار كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ.

  ئۇلار بارلىق ئاماللار بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە قارىشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولىدۇ.خانئايشەم مۇنداق دېدى: كونىلاردا سۇ كېتىدۇ، تاش قالىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتىمىزگە چۈشۈپ بىز بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ، بىرگە ئىشلەپ، بىز ئۈچۈن ئىلگىرى بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بەردى ھەم بىزگە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى، ئامما تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، ئىدىيە تونۇشى زور دەرىجىدە ئۆستى. گۈزەل مەنزىرىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىپتىخارلىق بىلەن قەد كۆتۈردى. ئاددىي ئارزۇلار مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى شەكىللەندۈردى.

  خۇددى ئاچا - سىڭىل ئېيتقاندەك: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى!

  ئېتىقاد −− «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولغاندىلا، ئاندىن تۇرمۇشىمىز بەختلىك ۋە خاتىرجەم بولىدۇ»

  ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننى ھەيران قالدۇرغىنى، رامكىلىق كەشتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا يەتكۈزۈلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۇلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى، بىر ئاي ئۆتمەيلا، بۇ رامكىلىق كەشتە بېيجىڭغا يەتكۈزۈلۈپ، مىللىي مەدەنىيەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ.

  ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئالاھىدە سەپىرىنى ئەسلەپ ھاياجانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كىچىكىمىزدىن باشلاپ بوۋام بىزگە بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا قولغا كەلگەنلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغاچقىلا، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار،دەپ تەربىيە قىلاتتى. بىزمۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارغا بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئەستە چىڭ ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمىز.

  ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن رامكىلىق كەشتىنى پارتكومغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن 26 - ئاۋغۇست يۇرتىغا قايتىدۇ. ئابدۇجېلىل ئۇلارنى ئۇزىتىپ چىقىپ: يارايسىلەر، نۇرغۇن دېھقاننىڭ كۆڭۈل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردىڭلار، دەيدۇ.

  سىڭلىسى مېھرىگۈل تارتىنىپ تۇرۇپ ئابدۇجېلىلغا مۇنداق دەيدۇ: رامكىلىق كەشتە يالغۇز بىزنىڭ قان - تەرىمىز بەدىلىگە كەلمىدى، ئۇنىڭغا كەنتىمىزدىكى كەشتە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقان نۇرغۇن ئاچا - سىڭىللارنىڭ قان - تەرى سىڭدى، بۇ رامكىلىق كەشتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، باش شۇجى شى جىنپىڭغا تەقدىم قىلىش بىزنىڭلا ئارزۇيىمىز بولۇپ قالماي، يەنە ئائىلىمىزدىكى ھەممەيلەننىڭ ئارزۇسى، كەنتىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى....

  بىر توپ كەپتەر ئۇچۇپ كېلىپ، مېھرىگۈلنىڭ ھويلىسىدىكى كەپتەرخانىغا چۈشتى. ئۆينىڭ دېرىزە تەكچىسىگە چىرايلىق تۈگمىگۈللەر تىكىلگەنىدى.

  ئۇيغۇرلار گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. مېھرىگۈلنىڭ كىچىك ئىشخانىسىغا ئۆزى كەشتىلىگەن ياستۇق قاپلىرى، ئەتىرگۈل نۇسخىسىدىكى چىرايلىق ئەتلەس كۆينەكلەر تىزىلغانىدى؛ ئۇچقارا 2 - كەنتىدىكى <كۆركەم> دېھقانلار كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا چىرايلىق مىللىيچە پاسوندىكى كەشتە كۆينەكلەرنى كىيگەن قىزلار رەڭلىك يىپلارنى تۇتقىنىچە، ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى كەشتىلەپ، ئەڭ گۈزەل سۆز - ئىبارىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۈيلەۋاتاتتى.

  «جۇڭگو ئارزۇسى»نى بىر يىپ - بىر يىپتىن كەشتىلەپ چىققان ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئۆز ئالدىغا ئارزۇسى بار. سىڭلىسى ئۆز ئالدىغا كەشتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش، ھۈنىرىگە تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئاچىسى تېخىمۇ بۈيۈك ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇپ، ئايال كارخانىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇ كۆپچىلىككە دەيدۇ: ئاياللارمۇ ئىگىلىك تىكلەپ كىرىم قىلالايدۇ، بىز يۇرتىمىزدىكى كەشتىچى ئاياللارنى تەشكىللەپ، بىرلىكتە بېيىش يولىغا ئاتلىنايلى!

  ئۇلۇغ ئارزۇ خۇددى قۇياش نۇرىدەك ئاددىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى يورۇتماقتا ئىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئىزچىللىشىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەممىلا يەردە گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىناقلىق مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلاندى.

  يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق كاتتا مەرىكىسىنى كۈتۈۋالىمىز. كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە تېخىمۇ گۈزەل سەھىپىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر