باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن لايىھە ئېلان قىلىپ، ئىكولوگىيە مەدەنىيىلىكى ساھەسى ئىسلاھاتىغا ئىلغار پىلان تۈزۈپ بېرىدۇ

2015.09.22 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئېلىمىز ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى پىكرى، ئىدىيەسى، پىرىنسىپى، نىشانى، يولغا قويۇش كاپالىتى قاتارلىق مەزمۇنلار ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسى ئىسلاھاتىغا ئىلغار پىلان تۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  لايىھە ئون قىسىم، 56 ماددىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى پىكرى−بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېجەش، ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى باش فاڭجېن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت دۆلەت ئەھۋالى ۋە يېڭى باسقۇچلىق ئالاھىدىلىكنى مەۋقە قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى يادرو قىلىپ، ئىكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋى قۇرۇلۇش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر