باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىدۇ

2015.09.22 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ يىللىق دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم ئىش، شۇنداقلا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر تارىخىي ۋەقە. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى قاتلامدىكىلىرى، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ باردى-كەلدىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئالغا سىلجىتىپلا قالماستىن، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا زور، چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشى ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ئۇنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئەگرى-توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈردى، ئەمما ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلاندى. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەر قېتىم داۋالغۇشقا ئۇچرىغاندا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىك قاتلىمى ئومۇمىيلىقنى ئىگىلەپ، توسقۇنلۇقلارنى تۈگىتىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، بىر-بىرىگە تايىنىدىغان ۋە بىر-بىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلدى. ھازىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى مەيلى كەڭلىك ياكى چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن بولسۇن، مىسلىسىز سەۋىيەگە يەتتى.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ دائىرىسىدىن ھالقىغان مول ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇنغا ئىگە. مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار ۋە ئۇقۇمۇشلۇق ئەربابلاردا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىيلىقىغا نىسبەتەن ئېنىق تونۇش بار. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىدېن 6-ئايدا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى ھەم ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلاملىقلار كېڭىشىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ھەمدە رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تۆھپە قوشقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكىدىكى پېشقەدەم سىياسىيون، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىر ئاگاھلاندۇرۇپ: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقتىن باشقا تاللىشى يوق، ئىككى تەرەپ توقۇنۇش يۈز بېرىش بەدىلىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، دېگەن. بۇرۇن ئوباما ھۆكۈمىتى ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇدىرى بولغان جېففېرى بېد يېقىندا ماقالە يېزىپ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە نېكسوندىن بۇيانقى ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىش سىياسىتى قوللىنىشنى رەت قىلىپ كەلدى، چۈنكى «جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ مۇقىم، ئىقتىسادى ئەڭ جانلىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى توقۇنۇش رايونىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ».

  جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ،بۈگۈنكى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىدىكى ئەڭ مۇھىم قاتناشقۇچى ۋە قوللىغۇچىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئامېرىكىمۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كەڭ قورساقلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بۇ دەل جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسىدىكى يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئورتاق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، تارىختىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ زومىگەرلىكنى تالىشىش كۆرۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا، ئىككى دۆلەتكە نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنياغا بەخت ئاتا قىلالايدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل قارشى تەرەپكە زىيارەتكە بېرىشى بولىدۇ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئىپادىلەپ، ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان ئاكتىپ ئۈمىدىنى گەۋدىلەندۈردى. 2013-يىلىدىكى ئاننابېرگ قورۇقى ئۇچرىشىشى بىلەن بۇلتۇرقى جۇڭنەنخەي يىڭتەي كېچىلىك سۆھبىتى مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. «شى جىنپىڭ-ئوباما ئۇچرىشىشى» روشەن ھەمتۈرتكىلىك رولى ئارقىلىق جۇڭگو ئامېرىكا باشلىقلار دىپلوماتىيەسىدىكى يېڭى شەكىلگە ئايلاندى، بۇ تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. كىشىلەر ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئاقساراي ئۇچرىشىشى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يەنە چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇستەھكەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئوخشاشلىقلارنى كېڭەيتىپ پەرقلەرنى تۈگىتىپ، كىشىلەرنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇمىيلىقى يەنىلا مۇقىم، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق بوشلۇقى يەنىلا زور، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى داۋاملىق ياخشى بولىدۇ، دەيدىغان ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.

  ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالساق ھەممىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىپ بىر مىسلىسىز تارىخىي يۈكسەكلىككە يەتتى، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، دەۋرنىڭ ساداسى. ئامېرىكا يىراققا نەزەر تاشلاپ، بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى تۈگىتىپ، جۇڭگو بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى ساقلىسىلا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرالايدۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىمۇ ئۇششاق-چۈششەك توسقۇنلۇقلاردىن، بىر دەملىك داۋالغۇشلاردىن قورقۇپ قالماي، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر