- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ چىلىدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش توغرىسىدا چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېتقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2015.09.21 17:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى چىلىدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش توغرىسىدا چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېتقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: چىلىدا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدىن چۆچۈپ كەتتىم. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم شەخسەن ئۆزۈمنىڭ نامىدا بەخىتكە قارشى قازا قىلغانلىقى چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىدارلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. زۇڭتۇڭ خانىم ۋە چىلى ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چىلى خەلقىنىڭ چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر