باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سۆھبىتىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

2015.09.21 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسى ئارقىلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئېلىمىز ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

  جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 18-سېنتەبىر دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئۇ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتى ۋە جۇڭگو ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر كەسپىي گۇرۇھى، دۆلەت تەرەققىيات-سېلىنما شىركىتى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى باش شىركىتى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى، جىنەن 2-ئىستانوك گۇرۇھى قاتارلىق مەركەز ۋە يەرلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى كارخانىلارنىڭ ھازىرقى يۈرۈشۈش، قۇرۇلما تەڭشەش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالى ۋە يۈزلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاچ ئۇلار بىلەن پىكىرلەشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر