باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شۆھرەت زاكىر: 60 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ ئۆزگىرىش

2015.09.24 18:47   مەنبە: خەلق تورى

شۆھرەت زاكىر: 60 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ ئۆزگىرىش

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ باراۋەر ئىتتىپاق تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي شاھىدى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاق تاشلىق كىتاب ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تونۇشتۇردى.

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرققىياتى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى، داۋالىنىش-سەھىيە قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىكى سان-سېفىرلار ئارقىلىق شىنجاڭدا مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان 60يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالدى.

  شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ناھايىتى ئارقىدا قالغان بولۇپ، 1955-يىلى دۆلەت ئىچكىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدە شىنجاڭ ئارانلا بىر مىليارد 230مىليون يۈەن قىممەت ياراتقان ئىدى. بىراق 2014-يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 920مىلياردتىن ئېشىپ كەتتى، بۇ يىل بىر تىرىللىيوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى مال باھاسى ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى سان بولۇپ، 60يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 115ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60يىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى %8.3ئەتراپىدا بولدى. بولۇپمۇ مەركەز بىرىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، 2010-يىلدىن باشلاپ، ھەر يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 100مىليارد يۈەندىن ئاشتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىللىق ئېشىش سۈرئىتى %11تىن يۇقىرى بولدى.

  بۇنداق يۇقىرى بولغان ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاشتىن مەركەزنىڭ قوللىشى، قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ياردىمى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىشى ۋە مەركەزنىڭ بىر قاتار سىياسەت فاڭجېنلىرىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  بۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئىچىدە ئىلكىدىكى كىرىمى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئىچىدىكى ساپ كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ئىككى خانىلىق ساندىن يۇقىرى بولۇپ ئېشىپ ماڭدى، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدا شىنجاڭدىكى شەھەر-بازار كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ئايرىم ھالدا %13ۋە %15تىن يۇقىرى بولدى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى

  كىيىنىش، يېمەكلىك، تۇرالغۇ ۋە قاتناشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇرمۇش مەسىلىسى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، ھەمدە ئەڭ بىۋاستە مەنپەئەتىدۇر.

  مەسىلەن كېيىنىش جەھەتتە، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىل بولغان 1980-يىلدىن ھازىرغىچە كىيىم-كېچەك ئىستېمالى 24ھەسسە ئاشتى. ئېنگېل كوئېففىتسېنتىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بار بولدى.

  يېمەكلىك جەھەتتە، 1955-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان گۆش ئىستېمالى 1.5كېلوگرام ئىدى، ھازىر 21.6كېلوگرامغا ئۆستى. سۈتنىڭ ئسىتېمال مىقتارى 3.6كېلوگرامدىن ھازىرقى 28كېلوگرامغا ئۆستى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  تۇرالغۇ جەھەتتە، 1955-يىلى شىنجاڭدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 5كۋادرات مېتىر ئىدى، ھازىر 28كۋادرات مېتىغا ئۆستى. ئەڭ يىراق، ئارقىدا قالغان بىر قىسىم چەت رايونلار، يىراق تاغلىق رايونلاردىمۇ شىنجاڭنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىدا بۇ يىللاردا زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىككى ئاي بۇرۇن گۇمىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، تەۋرەش مەركىزى ناھىيە بازىرىغا ئىنتايىن يېقىن، بۇزغۇنچىلىقىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولدى، بىراق بۇ يىللاردا ئاممىغا سېلىپ بەرگەن خەلقنى بېيىتىپ ماكانلاشتۇرۇش ئۆيلىرى ئاساسەن بىرىمۇ ئۆرۈلمىدى. بۇ مەلۇم دەرىجىدە شىنجاڭنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  قاتناش جەھەتتە، 60يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تاشيول، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇشىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بارلىق ناھىيە-شەھەرلەردە ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تاشيوللار بار بولدى، ئاساسەن ھەممە ۋىلايەت (ئوبلاست)قا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى، بارلىق يېزا-بازارلارغا ئاسفالىت يول تۇتاشتۇرۇلدى، ئۆتمۈشتىكى ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى توپىغا مىنىلىپ كېتىدىغان، يامغۇرلۇق كۈنلىرى پاتقاققا مىلىنىپ كېتىدىغان قاتناش ئەھۋال ئۆزگەردى دېيىشكە بولىدۇ.

  داۋالىنىش ۋە مائارىپ جەھەتتە

  داۋالاش-سەھىيە جەھەتتە،شىنجاڭدا ھەر مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان كېسەل كارىۋىتى سانى ھازىر مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى، بولۇپمۇ 60يىل ئىلگىرى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 30ياشقىمۇ يەتمەيتتى، ھازىر 72.35ياشقا يەتتى، بۇمۇ يەنە بىر تەرەپتىن تۇرمۇش سەۋىيەرىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  مائارىپ جەھەتتە، ھازىر توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلدى، بولۇپمۇ شىنجاڭ نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ، تەبئىي مۇھىتى بىر قەدەر ناچار ھەمدە نىسبەتەن ئارقىدا قالغان رايون بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا 12يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلدى، مەجبۇرىي مائارىپ 9يىللىق بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە مۇكەممەل بولغان 12يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى، ھەمدە بۇ ئاساستا، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭدا يەنە ئىككى يىللىق ھەقسىز بولغان يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلدى. شۇڭا ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا 14يىللىق ھەقسىز مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، بۇ مەملىكەت بويىچىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. 60يىل ئىلگىرى ھەر ئونمىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سانى 4بولسا، 60يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە 126ئادەم بولدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، شۆھرەت زاكىر يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 60يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت سىياسەت، ئىقتىساسلىقلار، مەبلەغ قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، ھەمدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىمۇ شىنجاڭغا شەخسىيەتسىز ياردەملەرنى بەردى. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئۆزىنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلىشى بىلەن، شىنجاڭدا 60يىلدىن بۇيان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى دېيىشكە بولىدۇ. 2010-يىلى بىرىنچى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، 2014-يىلى يەنە ئىككىنچى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. بۇ ئىككى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە، بولۇپمۇ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا زور ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىر-ئاممىسىمۇ بۇ پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەلەپ قىلدى، بۇ يىللاردا راستلا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …