خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي شاھىدى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاق تاشلىق كىتاب ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تونۇشتۇردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى، ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ كەيخوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي شاھىدى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنى ئۈچ قىسىم، توققۇز تەرەپكە بۆلۈنگەن بولۇپ، نەچچە خىل تىلدا، كۆپ نۇسخىدا ئېلان قىلىندى. بۇ 2003-يىلدىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمېتىنىڭ 4-قېتىم شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشى بولۇپ قالدى.
خۇ كەيخوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي شاھىدى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، فرانسۇزچە، روسچە، گېرمانچە، ئىسپانچە ۋە ئەرەپچە قاتارلىق تىللاردا ئېلان قىلىنغان، يەنە ئۇيغۇرچە، قازاقچە قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى نۇسخىسىمۇ ئېلان قىلىنغان. خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە نۇسخىسىنى خەلق نەشىرياتى، چەتئەل يېزىقى نەشىرياتى نەشىر قىلغان بولۇپ، پات يېقىندا مەملىكەت بويىچە شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى