باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي شاھىدى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا نېمىلەر سۆزلىنىدۇ؟

2015.09.24 18:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي شاھىدى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاق تاشلىق كىتاب ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تونۇشتۇردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى، ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ كەيخوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەزمۇنى 20مىڭ خەتتىن ئاشىدىغان «شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي شاھىدى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب زور تۈركۈمدىكى ھەقىقىي سان-سېفىرلار ۋە كونكېرت ئىشلاردىن پايدىلىنىپ، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر-ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىيات ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، خەلق تورمۇشىنى ياخشىلاپ ھەرمىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىش، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن بويىچە جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىملىقىنى قوغداش، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان قوللىشى ۋە ياردىمى قاتارلىق توققۇز تەرەپتىن، 60يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر تونۇشتۇرۇلدى، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغانلىقى، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ تارىخنىڭ تاللىشى ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ بەكرەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ توغرا تاللىشى ئىكەنلىكى، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ھاياتىي كۈچى بارلىقى چوڭقۇر شەرھىيلەندى، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى سىرتقا نامايان قىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر