باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا «شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى» دەپ نام بېرىلدى

2015.09.24 18:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 23-سېنتەبىر، 2015-2016 WCBA دائىملىق مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئورگان تەرەپ ئىسمى رەسمىي ھالدا «شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى» بولۇپ بېكىتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئىسمىدىكى «ئىلاھىي بۇغا» WCBA دائىملىق مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى جەمئىيەتتىكى ھەرساھەدىن يىغقان. 9-ئاينىڭ بېشىدا WCBA دائىملىق مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈچۈن ئىسىم قويۇش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، تېلېفون قىلىش شەكلىدە شەھەر ئاھالىسىدىن ياخشى ئىجادىيەت ۋە ياخشى ئوي-پىكىرلەرنى يىغقان ئىدى. ئىسىم يىغىش پائالىيىتى باشلىنىشى بىلەنلا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پائال قاتنىشىشى ۋە دىققىتىنى تارتتى. شىنجاڭدىلا بار بولغان ئالاھىدە جانلىق تايغان بۇغىنىڭ ئەسلى تىپىنى تەڭرىتاغ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يەنە «ئىلاھىي بۇغا» ئۇقۇمىغا كېڭەيتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا «شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى» دېگەن ئورگان تەرەپ رەسمىي نامى بېكىتىلدى.

  بۇغا قەدىمدىن تارتىپ ياخشىلىققا سىمۋول قىلىنىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ئەپسانىلەردە بۇغا پائال، ئىنتىلىشچان، چاققانلىققا ئىشارە قىلىنىدۇ. تەشكىلىي كومىتېتنىڭ خىزمەتچى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇغىنى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئوبرازى قىلىش، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇسابىقىلەردە ئىزچىل غەلبە قىلىشىغا سىمۋول قىلىنىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر