باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن لايىھە تۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى

2015.09.22 11:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» نى تارقىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىدىيەسى، پىرىنسىپى، نىشانى، يولغا قويۇش كاپالىتى قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلىرىنى شەرھلىدى، مۇكەممەل سىستېمىغا ئىگە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى.

  لايىھە ئون قىسىم، 56 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ ئايدىڭلاشتۇردى، يەنى: بايلىقلارنى تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە يېڭى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى مەۋقە قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى نىشان، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىشنى يادرو، ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش، بايلىقلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋى قۇرۇلۇش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشتىن كېرەك.

  لايىھەدە تەبىئەتنى ھۆرمەتلەيدىغان، تەبىئەتكە بويسۇنىدىغان، تەبىئەتنى قوغدايدىغان ئىدىيەنى، تەرەققىي قىلىش بىلەن قوغداش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، تاغ - دەريالارنى بىباھا گۆھەر ئورنىدا كۆرىدىغان ئىدىيەنى، تەبىئەت قىممىتى ۋە تەبىئەت تەننەرخى ئىدىيەسىنى، بوشلۇقتىن جايلىشىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىدىيەسىنى، تاغ - دەريا، ئورمان، ئېتىز - ئېرىق، كۆللەر ئورتاق ھاياتلىق گەۋدىسى دېگەن ئىدىيەنى تىكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ پىرىنسىپى −− توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، تەبىئىي بايلىق - مۈلۈكنىڭ دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولۇش خۇسۇسىيىتىدە چىڭ تۇرۇش، شەھەر، يېزا مۇھىتىنى تۈزەش سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەشنى ئورتاق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىش ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش.

  لايىھەدە دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى بېكىتىلدى، يەنى: 2020 - يىلىغا بارغاندا تەبىئىي بايلىقنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى، زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش تۈزۈمى، بوشلۇقتىن جايلىشىشىنى پىلانلاش سىستېمىسى، بايلىق ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك تېجەش تۈزۈمى، بايلىقلارنى ھەقلىق ئىشلىتىش ۋە ئېكولوگىيە تۆلەم تۈزۈمى، مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى، مۇھىت تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش بازىرى سىستېمىسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى نەتىجىسىنى باھالاپ تەكشۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىق سەككىز تۈزۈم شەكىللەندۈرگەن مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق، كۆپ مەنبەلىك بولغان، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن، سىستېمىسى مۇكەممەل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يېڭى دەۋرىگە ئاتلىنىشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر