باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېنتېرنېت تور ساھەسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2015.09.22 18:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 21 – سىنتەبىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق تىلىدىكى ئېنتېرنېت تورى ساھەسىدىكى 50 دىن ئارتۇق مەسئۇل خادىم ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنتېرنېت تور ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر ئۈستىدە قىزغىن سۆھبەتتە بولدى.

  سۆھبەتتە «ئانا تۇپراق»، «باغداش»، «شىنجاڭ مېنىڭ ئائىلەم» قاتارلىق تور بىكەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا – ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، 60 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدا شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىپ، شانلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ بەختلىك، شادىمان ياشاۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئېنتېرنېت ئالاقە ئىشلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە زورىيىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ توردا ياش ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەيدىغان، ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان مەزمۇنلارنى قەتئىي چەكلەپ، تور سەھنىسىدە ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا پاكىز تور مۇھىتى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

  ئىگىلىشىمچە، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 11 مىليون 390 مىڭ تور ئەھلى بار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 57.9% نى ئىگىلىگەن. ئېنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى %50.3 گە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 10 -، غەربىي شىمال بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرغان. كەڭ بەلباغلىق تور ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ %70 كەنتلىرىگىچە ئومۇملاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر