باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى ئوسبورن بىلەن كۆرۈشتى

2015.09.22 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 21-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭ قەسىرىدە 7-قېتىملىق جۇڭگو-ئەنگلىيە ئىقتىساد-مالىيە سۆھبىتىگە قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى ئوسبورن بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە دۇنيا تەسىرىگە ئىگە مۇھىم دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى پۇل مائامىلە مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ تەرەققىياتتىن ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، 3-تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىنى ئورتاق ئاشۇرىدىغان، ئەپۇچان تەرەققىي قىلىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگو پاي چېكى بازىرىدا بىنورمال داۋالغۇش كۆرۈلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالدى. جۇڭگو پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، داۋاملىق تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بازارلاشتۇرۇش ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشكارا، ئۇزاق مۇددەت، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىدىغان كاپىتال بازىرىنى پائال يېتىشتۈرىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر