باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

60 يىلغا مەدھىيە . شانلىق ئۆزگىرىش

شىنجاڭدا قانداق كادىرلار ئۆستۈرۈلۈپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ

2015.09.22 16:52   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدا قانداق كادىرلار ئۆستۈرۈلۈپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ

  ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە تەقدىرلەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى 2015-يىلى 15-يانۋار ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىدىكى ئىلغار خىزمەت گۇرۇپپىسى(ئەترەت)، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقاتتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  [مۇھەررىر ئىلاۋىسى] شىنجاڭ «ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە تەقدىرلەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى 2015-يىلى يانۋاردا ئېچىلدى، 1400دىن ئارتۇق كادىرنىڭ ۋەزىپىسىى ئۆستۈرۈلۈپ، 107سى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. شىنجاڭلىق كادىرلار بۇنىڭدىن زور ئىلھاملاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن2011-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق»تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۇنىڭدىن كېيىن جاڭ چۈنشيەن يەنە سەمىمىي كىشىلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق، ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى ھەقىقىي ئىشلەيدىغانلارنى زىيان تارتقۇزماسلىق، ئۇزاق مەزگىل بىرىنچى سەپتە باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگەنلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىقتىن ئىبارەت «ئئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق »تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياخشى كادىرلارغا قويغان تەلىپىنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسى.

  1400دىن ئارتۇق كادىرنىڭ ۋەزىپىسى ئۆستۈرۈلۈپ، 107سى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋەزىپىگە قويۇلدى.

  2015-يىلى 15-يانۋار، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە تەقدىرلەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنىدا ۋاڭ خۇڭكېنىڭ ۋەزىپىسى ئۆستۈرۈلدى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرلىقىدىن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتچىسى بولۇپ تەيىنلىنىپ، خىزمەت دەرىجىسى باشقارما دەرىجىلىكتىن مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىككە ئۆستۈرۈلدى. ئۇنىڭ كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلغان ۋاقىتتىكى مۇنەۋۋەر ئىپادىسى ۋەزىپىسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.

  شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە 1400دىن ئارتۇق كادىرنىڭ ۋەزىپىسى ئۆستۈرۈلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 107سىنىڭ كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلغان ۋاقىتتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

  ئۇ ۋەزىپىسىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن خۇشال بولدى، لېكىن ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق»تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئىدى.

  ئەمەلىيەتتە، «دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرۈش» بولسا «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەيىنلەپ-ئۆستۈرۈش خىزمەت نىزامى»نىڭ دائرىىسىدىكى ئىش بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئىدىيە ۋە ئادەتنى بۇزۇپ تاشللىنىپ، «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق»تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

  «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق» ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى كىشىلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق، ھەقىقىي ئىشلەيدىغانلارنى زىيان تارتقۇزماسلىق، سەمىمىي كىشىلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.

  ۋاڭ خۇڭكې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم 1400دىن ئارتۇق كادىرنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق»تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، كادىرلارنى ئىلھاملاندۇردى.

  «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق» ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى كادىرلارنى 1-سەپتە، قابىلىيەتلىك كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشلىتىش كېرەك.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىدە بىر تۈركۈم سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، نەتىجىسى گەۋدىلىك، خەلق رازى بولىدىغان مۇنەۋۋەر كەنت كادىرلىرى ئۆستۈرۈلدى، بۇ «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق» ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنىڭ روشەن ئىپادىسى شۇنداقلا «بىلىم ئەمەلىيەتتىن كېلۇر، كادىر 1-سەپتىن چىقۇر» دېگەننىڭ تولۇق ناماياندىسى بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى.

  ھازىر، «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق» شىنجاڭدىكى كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشىگە ئايلىنىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بولۇپمۇ يېزا-بازار كادىرلىرىنىڭ ئىلھامىنى قوزغاپ، ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …