- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى
−خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ب د ت يۈرۈشلۈك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرۇشىنى كۈتمەكتە
2015.09.21 17:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق گېزىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە نيۇيوركتا ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يۈرۈشلۈك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۈنجى قېتىم ب د ت باش ئىشتابىدا زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا جۇڭگو قانات يايدۇرغان بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. كۆپ دۆلەت مۇتەخەسىسىلىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ب د ت يۈرۈشلۈك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى جۇڭگو رەھبىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ب د ت نى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ جۇڭگو بىلەن ب د ت نىڭ ھەمكارلىق تارىخىدا چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرىدۇ، دېدى.
دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشغا غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشايلى
ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋۇ خۇڭبو مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن نۇرغۇن ئۈمىد كۈتمەكتە. جۇڭگو ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەسىلىسى، ئاياللار ھوقۇق-مەنپەئەتى مەسىلىسى ۋە جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ب د ت دىن ئىبارەت بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي سەھنىدە جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك مەيدانىنى ئېنىق بايان قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇ ناھايىتى ياخشى تەسىر پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.
ب د ت باش كاتىپىنىڭ ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى لېيتېنانت گېنېرال مەسئۇد ئەھمەد گېزىتىمىز مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش بۇرچىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى، ئۇ ئۈلگىلىك رولغا ئىگە. جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزا دۆلىتى ئىچىدە خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىگە قاتنىشىغان خادىمى ئەڭ كۆپ دۆلەت. ب د ت نى ھازىر 16 تىنچلىق ساقلاش رايونى بار، جۇڭگونىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 10 تىنچلىق ساقلاش رايونىغا تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ئەۋەتتى، بۇ ئاسانغا توختىمايدۇ، جۇڭگونىڭ بۇنچە كۆپ قان-تەر سىڭدۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر