باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىك قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

جاڭ چۈنشيەن چېن جيەنگو بىلەن كۆرۈشتى

2015.09.21 13:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 10- سېنتەبىردىن 19- سېنتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىك قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 19- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چېن جيەنگو باشچىلىقىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىلى، قەشقەر، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى، نۇقتىلىق ھالدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مەبلەغ سېلىشنى مۇقىم ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بويىچە تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك قانۇنى دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك جەھەتتىكى ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىنى ئالغان قانۇن. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا قارىتا بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چوڭ رايونى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، تەمىنلەشتە ئازراق قالدۇق قالدۇرۇش ئاساسىدا، پاختا، باغۋەنچىلىك قاتارلىق ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك كەسپىنى شەكىللەندۈردى، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى، تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاشلىق خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت جەھەتتىن تولۇقلىما بېرىپ، يېزا ئىگىلىك قانۇنىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قانۇن تۇرغۇزۇش نۇقتىسىدىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يەنە يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  چېن جيەنگو مۇنداق دېدى: قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، ئىناقلىقى، ھەممە جاينىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش قىزغىن كەيپىياتىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىنى يولغا قويۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بىز ھەر قايسى تەرەپنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپىنى توپلاپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىمىز ھەم مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قانۇنىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز.

  قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 19- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىز رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  سۆھبەتتە قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇن- نىزاملىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت تۈزۈلمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسى ۋە قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك بايلىقى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  چېن جيەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپتۇ، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋىدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ بازا» قۇرۇلۇشى ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، رايون خاراكتېرلىك ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ماسلاشتۇرۇپ، ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرگەن. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «ئۇدا سەككىز يىل ئېشىش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پاختا سۈپىتى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلى، تاۋارلىشىش مىقدارى، يۆتكەپ چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 21 يىل مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، باغۋەنچىلىك مەھسۇلات مىقدارى مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، چارۋىچىلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونىمىز رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، دۇڭ شىنگۇاڭ، چيەن جى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى ۋاڭ گوشېڭ، لوڭ جۇاڭۋېي، جياڭ فەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ساۋ ۋېيشىن، جياڭ شېنسەن، شۇنداقلا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى پائالىيەتكە قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر