خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- سېنتەبىر سائەت 7دىن 1مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتاسى «ئۇزۇن سەپەر6–نومۇر» تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلىپ، 20 دانە كىچىك سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشىدا بىر راكىتا بىلەن كۆپ سۈنئي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش يېڭى رېكورتىنى ياراتتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى