- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىي خەلق سوت مەھكمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردى
2015.09.21 17:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئالىي خەلق سوت مەھكمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە»نى چىقاردى. بۇ ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادۋوكاتلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئادۋوكاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئادۋكاتلىق تۈزۈمى ئورنىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بەلگىلىمە» مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ ئورگانلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ئادۋوكاتقا ھۆرمەت قىلىشى، ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىملەرگە ئاساسەن، ئۆزى مەسئۇل بولغان دائىرىدە ئادۋوكاتنىڭ بىلىش ھوقۇقى، ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى، ئەيىپلەش ھوقۇقى، كۆرۈشۈش، ئارخىپ كۆرۈش، دەلىل ئسىپات توپلاش، سوراش، يۈزلەشتۈرۈش، بەس مۇنازىرە قىلىش جەھەتلەردە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادۋوكاتنىڭ قانۇن بويىچە ئاقلاش، ۋەكالەتچىسى بولۇش مەجبۇرىيىتى توسقۇنلۇق قىلماسلىقى، ئادۋوكاتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا چېقىلماسلىقى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر