باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 9 - نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك 6 -نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر ئالتۇن، توققۇز كۈمۈش، بەش مىس مېدالغا ئېرىشتى

2015.09.21 13:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەككىز كۈن داۋاملاشقان مەملىكەتلىك 9 - نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك 6 - نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئو ت م 19 - سېنتەبىر سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە بىر ئالتۇن مېدال، توققۇز كۈمۈش مېدال، بەش مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە رايونىدىن كەلگەن 35 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 2382 مېيىپ ماھىر بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، مۇسابىقىدە تەسىس قىلىنغان 772 ئالتۇن مېدالنى كەسكىن تالاشتى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 51 تۈردە دۇنيا رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى؛ 204 تۈردە مەملىكەت رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى ياكى يېڭىلاندى، 11 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي مۇسابىقە ئۈچۈن ئەلا مۇلازىملىق قىلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىق 31 ۋەكىللەر ئۆمىكى تەنتەربىيە ئەخلاقى مۇكاپاتىغا، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خاتىرە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىشىمچە، مەملىكەتلىك 10 - نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك 7 - نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئو ت م 2019 - يىلى تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر