باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 43 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2015.09.21 13:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن 43 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ دائىمىي كومىتېت 18 - يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى(تۈزىتىلگەن لايىھەسى)» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى (دەسلەپكى لايىھە)»نى قاراپ چىقىش پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن «ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى(تۈزىتىلگەن لايىھەسى)»نى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دەلىللەپ، تۈزەتكەندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى(دەسلەپكى لايىھە)»نى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دەلىللەپ، تۈزەتكەندىن كېيىن، كېيىنكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مائارىپ، ئىلىم - پەن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىش پىكرى، كادىرلار خىزمىتى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھەنى قاراپ چىقىش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش تىزىملىكى لايىھەسىنى يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىندا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى قاراپ چىقىش پىكرىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، يۇقىرىقى دوكلاتلارنى قاراپ چىقىش پىكرىنى يىغىنچاقلىغاندىن كېيىن، دوكلات بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر