- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ۋە ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قاتار باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
2015.09.17 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 16-سېنتەبىر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 22-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىموننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 26-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە ب د ت نىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئىشتابىغا بېرىپ ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قاتار باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر