باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە نەشىرى تونۇشتۇرۇلدى

2015.09.18 12:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-سېنتەبىر، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە نەشىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.بۇلتۇر 9-ئايدا، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانى» ناملىق كىتابىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى بىلەن بىرگە 8 خىل چەتئەل تىلىدىكى نۇسخىسى بىرلىكتە نەشىردىن چىقىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. بۇ يىلنىڭ بىشىدا، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانى» ناملىق كىتابىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نۇسخىسى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو مىللەتلەر تىل ـ يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى، مىللەتلەر نەشىرىياتىنى تەشكىللەپ يېقىندا رەسمىي تۈردە نەشىردىن چىقاردى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانى» نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىردىن چىقىشى، ئىسلاھات – ئېچىۋىتىش ئىلىپ بېرىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق مىللىي تىل ـ يېزىق تەرجىمىسىدۇر. ھەر قايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت تەرجىمانلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ 80دىن ئارتۇق ئادەم تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 10 نەچچە نەپەر مۇتەخەسسىس شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭدىن كەلگەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر